ھايات سەپىرىم - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

 ھايات سەپىرىم 


ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


ئارزۇ ئۈچۈن سەپەرگە ئات سالدىم،
ئانامنىڭ دۇئاسىنى قىلىپ باشپاناھ.
يىراقتا ئۈن سۈرمەي قالدى تەلمۈرۈپ،
تايچاقتەك قىيغىتىپ ئوينغان كەڭ دالا.

ئايرىلدىم توپا كېچىپ يۈرگەن يوللاردىن،
كېپىنەك قوغلاپ سەكرەپ يۈرگەن باغلاردىن.
خوش بالام دەپ يولغا سالدى ئەل-خەلقىم،
ئۇزۇتۇشتى كېلىپ قۇشلار چاتقال-قورايدىن.

ئاتام تۇتتى ماڭا يوللۇق سىقىمداپ توپا،
ئۇنۇتما دەپ يۇرتۇڭنىڭ مىھىر-ھىدىنى.
ئاناممۇ يولغا سالدى كىيدۈرۈپ دوپپا،
ئۇنۇتما دەپ ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەسلى ئىزىنى.

يەتمەك ئۈچۈن قەلبىم تىكلىگەن ئارزۇغا،
يانمدىم سەپەردە بولسىمۇ دەرت-مۈشكۈلات.
جاھاندا مېھنەتسىز مېۋىگە ئېرىشمەك يوق،
تەرىم بىرىدۇ ئەجىرىمگە كاتتا ئىلتىپات.





111 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-30 18:04:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ