سۆيۈش
كۈندە كۈلۈپ ئۆتمەيدۇ ئىنسان،
قىش يازى بار ئۆمۈر دىگەننىڭ.
خارلانمايدۇ ئاشىق ھەمىشە،
سۆيمىكى بار سۆيۈلمىگەننىڭ.
كۆرەڭلىمە بۇنچە ئەزىزەم ،
چىكى بارغۇ سەۋىر دىگەننىڭ.
سەنمۇ ھامان يىغلايسەن يالغۇز.
دەردى يامان يالغۇز يۈرگەننىڭ.
سۆيمىسەڭمۇ ھالىنى سورا،
سىنى مەڭگۈ سۆيدۈم دىگەننىڭ.
چۈنكى ئۆتەر يالغۇز تۈنلىرى ،
سۈيۈپ تۇرۇپ سۈيەلمىگەننڭ.
...... 2015-8-14 گۈزەل
| 155 قېتىم كۆرۈلدى | Guzal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-8-15 1:31:09 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|