گۇگۇمدىكى تەن - نەسىر

گۇگۇمدىكى تەن - نەسىر


   سەھەردە تاڭ ئەمدىلا كۆتۈرۈلۈشكە قاش ئ‍ىتىۋاتقاندا ، چەكسىز زېمىن قىرلىرىنى بويلاپ يۈرگەن ۋاقىتتا ، گۈزەل سالاملىرىڭ بىلەن كۆزۈم ئېچىلاتتى .
سۈبىھىدىكى چىرايلىق نۇرلار ، ئاياغلار ئاستىغا تۆكىلەتتى .
ئۇ شۇنچە ھارارەتلىك . قەلبىڭمۇ ئەشۇ كۈن نۇرىدەك سۈزۈك…
سەن تېنىمغا سىڭگەن روھ ، سەن بىلەن مۇھەببەتكە تولغان ھايات.
سەن مۇشۇ قەلبىمنىڭ نازۇك دەرىزىسىنى چەككەن قىز...
قولىڭنى قولۇمغا چېتىپ مۇھەببەتكە قەدەر باشلاپ بېرىشىڭنى ئىستەيمەن.
باغرىڭدا باھار ئاپتىپى ناخشا ئېيتىدۇ.
تۇرمۇشنىڭ سانسىز غۇۋغالىرىدا مىنىڭ ئەسەبىيلەشكەن تۇيغۇمنى ، ھارارىتىڭ لاۋۇلداپ كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ . قولىڭدىن سىڭگەن ھارارەت ، مېھرىڭدىن تامغان ھەقىقەت مېنى يۈرىكىڭگە قەدەر چۆكتۈرۈپ بارىدۇ.
ئەمدى بۇ ھاياتنىڭ تىمتاسلىقىدا بىز داۋاملىق يېڭى- يېڭى سىناقلىرىمىزنى يازىمىز .
ئۆزگۈرۈش بار بولسا ، پۇرسەت بېرىلمىدى .
ئاڭلىماسلىق ئ‍ەۋج ئالغاننى كىم بىلدى .؟
سەۋەبلەرنى كىم چۈشەندى ؟
كەل بىز ئەڭ پاكىز مۇھەببەتكە سىڭىپ كېتىدىغانلاردىنغۇ !. ئېھ گۇگۇمدىكى تېنىمغا باغرىڭدىن مەڭگۈلۈك مېھىر ئېقىپ چۈشسۇن …

«سۇھەيل'دىن سۇھەيلە'گە»
2016-يىلى 17-ئۆكتەبىر ( ئۈرۈمچى )
     





166 قېتىم كۆرۈلدى suheyl ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-31 15:31:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ