ئاشىق نىداسى
مۇرات سەيدىئەخمەت
دەرتلىرىم بەكمۇ كۆپ سورىما گۇلۇم ،
مەيلىغۇ يەتسەملا ۋىسال ئىشقىڭغا.
رازىتىم جىنىمنى بەرسەم شۇئاندا ،
قالسىمۇ نامىزىم ئۇشبۇ جاھاندا.

سىنىلا سۆيۇپ كەتسەم جاھاندىن ،
ئۆكۇنۇپ يۇرمەيمەن بەرگەن گۇلۇمدىن.
گۇللۇرۇم قۇلۇڭدا ئىچىلسۇن توزىماي ،
ئۆتمىگىن ھەرگىزمۇ ھىدىمنى بۇرىماي.

شىرىننىڭ ئشقىدا لال بولغان پەرھات ،
بولغانتى ئۆز يۇرتىدا تاغ تىشەر ئاشىق.
زوھرە قىز ئامالسىز مەشۇقى پەريات ،
تاھىردەك ئاشىقمۇ بولغانتى غەرىق.

بۇ ئاچچىق قسمەتلەر كەلدى باشىمغا ،
قانداقمۇ ياشايمەن يارىم سىنىڭسىز .
سىنىڭسىز ياشاشقا بولسىمۇ ئىمكان ،
تىنىقىم بەك ئىغىر كۆزلۇرۇم نۇرسز .

دۇنيادىن ئشىقڭدا ئارمانسىز كەتسەم ،
ياد ئىتىپ قىلغان دۇئايىڭنى كۇتسەم .
تىلەرسەنمۇ گۇلۇم ھەرچاغ تەڭرىدىن ،
بىللە بولاي مەشۇق بىلەن دەپ بىھشتا .
2016-يىلى2-ئايىنىڭ 8-كۇنى
| 127 قېتىم كۆرۈلدى | مۇرات سەيدىئەخمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-24 0:38:26 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|