بەخىت - يۈسۈپجان

بەخىت

يۈسۈپجان


يۈرىكىڭ يۈرەكتىن سۇ ئىچسە  ئەگەر ،
بولاتتى بۇ دۇنيا گۈزەل نەقەدەر .
قەلبىڭنىڭ قۇلۇپى ئېچىلـمىسا گەر ،
ئۆتىسەن بەخىتتىن مەڭگۈ بىخەۋەر .

كۆردۈڭمۇ ئەمانىڭ نۇرلۇق كۆزىنى ،
ئۇ كۆرگەن دۇنيانى سەن كۆرەلەمسەن .
زەن سالغىن گاسلارنىڭ چالغان كۈيىگە ،
شۇ گۈزەل كۈيلەرنى سەن چالالامسەن .

قاراپ باق مىيىپنىڭ تېز يۈگرىشىگە ،
سەنمۇ ھەم ئۇنىڭدەك يۈگرىيەلەمسەن ؟.
ئەمدى باق ئۆزەڭگە ئويلانغىن ئۇزاق ،
نىمەڭ كام  ئۇلاردىن دەپ بېرەلەمسەن ؟.

قەلبىڭنىڭ باشلىغان يولىغا كىرىپ ،
ھاياتتا ئېزىقماي يول يۈرەلەمسەن .
تىرىشىپ بۈگۈندىن ھالقىپ ئەتىگە،
تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سەن سۈرەلەمسەن .

     





127 قېتىم كۆرۈلدى yusupjan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-6 23:31:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-9 23:58:19 adila
xier yazgan kollaga dat kalmisun dawamlik tirixig ~
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ