تىل تۇمارىمنى سېغىندىم - ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى

تىل تۇمارىمنى سېغىندىم 

 ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى


  مىھرىبانىم گۈل گۈل بەدەن جانجانىمنى سېغىندىم،
ھىدلىرى گوياكى جانغا ھۇزۇر خۇمارىمنى سېغىندىم.
دۈشمىنىمگە قالقان بۇلۇپ ئۇل قەستىدىن قوغدىغان،
بوينۇمدىكى ئۈزۈلمەس تىل شۇ تۇمارىمنى سېغىندىم.

جۇدتا قالسام مىھىر بېرىپ ئىللىتار ئۈشبۇ تەنلەرنى،
 بىر مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلماس باھارىمنى سېغىندىم.
  تاڭلاردا ئويغۇتار مۇڭلۇق كۈيلەر بىلەن ھەرچاغ،
 قەلبىمدىن ئورۇن ئالغان دىلتارىمنى سېغىندىم.

مەن يىراق ئۇندىن لىكىن قەلبىم ئاڭا چىڭ باغلانغان،
 ھەتتا ئۈشبۇ جېنىمدىنمۇ ئەتىۋارىمنى سېغىندىم.
كۆرمىسەم كۆرگۈم كىلەر ھەر دەقىقە ھىجران بىلەن،
 تۈن تۈنلەردە ئەسلىتەر ئىنتىزارىمنى سېغىندىم.

  ئايرىلىشلار كەلسە ئەگەر ئايرىلاي جاندىن ئاۋال،
مەڭگۈلۈككە بىللە ئۆتەر ئەشۇ زامانىمنى سېغىندىم.
 نازى بىلەن يۈرەككە ئوت سېلىپ لەززەت بەرگەن،
  كۆز قارچۇقۇم تاتلىقىم ئارمانىمنى سېغىندىم.

2016-يىلى 11_ئاينىڭ 9_كۈنى(كورلا)
ئۈندىدار 573888975
     





243 قېتىم كۆرۈلدى xamxiri ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-10 0:05:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-12 14:34:43 zaynura
tehimu tirixing....yahxi yezip six
2016-11-12 12:03:40 دىلبەر
تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ياخشى يىزىپسىز داۋاملىق ئەسەر يوللىشىڭىزنى ساقلايمەن💪
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ