ئاناڭ ئەمەسمۇ - نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى

 ئاناڭ ئەمەسمۇ
نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى


ئانا ئۇلۇغ مۇقەددەس چۈنكى،سىنى تۇغقان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟
دىلخانەڭگە مىھرى «زەم»*يامغۇر،بولۇپ ياغقان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟

يىگىت بولدۇڭ يوغىناپ كەتتىڭ، ئۇل مىھرىبان چىقتى ئىسىڭدىن،
شۇ پۇرقەتكە شاكالدىن ئايرىپ،مىغىز چاققان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟

ئەقىل تاپتىم دىمە ئۆزەڭچە،چوڭ بولمىقىڭ ئاسانمۇ شۈنچە،
نى نى  ئاچچىق كۈنلەردە مۈشكۈل،غەمگە پاتقان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟

ئۇيالغىنسەن ئۇنىڭ ئالدىدا،ئالىيىپ تەرىڭ تۈرۈپ قاراشتىن،
زىرىكمەستىن سىنى ئەللەيلەپ،تاڭى ئاتقان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟

نىمە ئىدىڭ ئويلان كىم بولدۇڭ،نە ۋەجىدىن شادلىنىپ يۈردۈڭ،
بەختىڭنى دەپ ئەسلا ئۈزۈلمەي،تەرى ئاققان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟

سۆزلىرىنى ئىسىڭدە چىڭ تۇت،بەرگىن ئاڭا مۇھەببىتىڭنى،
سىنىڭ ئۈچۈن تىنماي توختىماي،جاپا تارتقان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟

ئاناڭغا كۆي ئاناڭنى سۆيگىن،ھىچكىم سىنى ئۇنىڭدەك  سۆيمەس،
ئاتاپ ساڭا جانى بارىنى،كۆيۆپ باققان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟

كۈيلە ئۇنى ناخشاڭدا ھەرچاغ،قىنى ئەسلە بوۋاق چىغىڭنى،
ئەللەي قوزام ئەللەي بالام دەپ،قوشاق قاتقان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟

كۆڭلىنى ئال،مەڭگۈ ۋاز كىچىپ پەرزەنت ئۈچۈن خۇشاللىقىدىن،
بەرداش بىرىپ قايغۇ ئەلەمگە،يۈرەك ياققان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟

قارا ئۇنىڭ نۇرلۇق يۈزىگە،يو يول ئىزلار چۈشۈپتۇ بۇدەم،
ئوتلىرىڭدا يىنىپ سۈيىڭدە،سەلدەك ئاققان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟

كۆتۆر بىشىڭ يەلكەڭگە ئىلىپ،ئىيىت ئىيىتقىن چەكسىز تەشەككۈر،
ئۆزى كىيمەي  بىر ئۆمۆر ساڭا،زەر تون پىچقان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟

سەن كەبى ياش جۇشقۇن ئىدى ئۇ،ئۈندىن ئەسەر قالمىدى ئۆتتى،
سىنى قوغداپ ئاپتاپتا پىشىپ،توڭدا ياتقان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟

ھۆرمەتلىگىن باغرىڭغا باس  مەھكەم،تىلەپ ئۇشبۇ ئىستىقبالىڭنى،
كۆزىنى يۇمماي تالاي كىچىلەر تۈنەپ چىققان ئاناڭ ئەمەسمۇ؟


2016-10-18-كۈنى
ئارىف شەرئى

     





88 قېتىم كۆرۈلدى نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-18 22:44:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ