مۇڭ باسقان كىچە
ئاپتور ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن
تولۇن ئايدەك يىگانىسەن ،
كۆڭۈل كىچەم يورۇق سەن بىلەن .
چاقنىغىنى ئوي خىياللىرىم ،
سىردىشامسەن يۇلتۇزۇم بىلەن ...
مەن ساڭا باقىمەن يىگانەم كۆرۈپ ،
ۋەلىكىن ياتلارمۇ باقىدۇ ساڭا .
ياتلارمۇ دەۋالىدۇ سىنى ئاشىقىم ،
ئورۇنسىز سۈكۈتنى قالدۇرۇپ ماڭا .
تولۇن ئاي بولمىغىن يۈرمىگىن يالغۇز ،
گۇمانىم يۇلتۇز بولۇپ يالتىرمىسۇن .
دەپ قويغىن ساڭا قول سوزغانلارغا ،
ۋىسالغا يەتمەك بولسا ئالدىرمىسۇن .
مەن كۈتتۈم تالاي يىل تالاي كىچە ،
ئۇلارمۇ كۈتۈپ باقسۇن مۇڭغا چۆكۈپ .
مەن كەبى تىرىك تۇرۇپ ئۆلۈپ باقسۇن ،
دەردىنى يەر زىمىنغا ياش قىپ تۆكۈپ .
مەن سىنى چاقىرۋالاي كۆكتىن چۈشكىن ،
كەڭ زىمىن باغرىنى يورۇتتىڭ يىتەر .
نۇر بولۇپ يالتىرا غىرىب كۈلبەمدە ،
سەن بولساڭ غەم قايغۇم توزۇپلا كىتەر .
يۇلتۇزۇم يورۇتسۇن ئارمانلىرىڭنى ،
سەن مىنى ئەت باغاش مىھرىڭ بىلەن .
سەن ماڭا تۇغۇپ بەر ئۈمۈدنى بەخت ،
نۇر چاچقىن قەلبىمگە چىن سىھرىڭ بىلەن .
تۇمانغا قەھرىمنى زەھرىمنى چىچىپ ،
كۈنلىمەي مەن سىنى قارا بۇلۇتتىن .
كەل يۇيۋەت قەلبىمدىن گۇمان دېغىنى ،
باھارىم توزۇمىسۇن سوغۇقتىن جۇدتىن ...
2016.يىلى 7.ئاينىڭ 20.كۈنى يەكەن