قەلىپ ساداسى
ۋەلى ئابدۇگۈل
كۆككە باقسام يۇلتۇزلار تولا،
پەقەت نۇرانە تۇلۇنئاي بىرلا .
نىمە بولدى ھىچ بىلەلمىدىم ،
توسىۋاپتۇ تۇمانلار جىملا .
تۇلپار بۇلۇپ يېنىڭغا بارسام ،
شۇڭقار بۇلۇپ كۈڭلۈڭنى ئالسام .
رەنجىگەن شۇ سەبىي كۈڭلۈڭگە،
ئاتەش كەبىي دۇردانە بولسام .
كۈندە كۆرۈپ قانمايتتى دىللار ،
ئۆتەرمىكىن شۇ پېتى يىللار .
ئاڭلىغاندا شىرىن سۆزۈڭنى ،
ئاجىز كەلدى ماختاشقا تىللار .
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى
| 107 قېتىم كۆرۈلدى | waliabdugul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-23 11:39:37 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|