جەمەتىم - ئابدۇۋارىس ئوسمان

         جەمەتىم 

يازغۇچى :ئابدۇۋارىس ئوسمان 


ئىناق مىش چوڭ دادام بارىدا جەمەت،
رۇقسارىنى كۆرۇش ماڭا يار بولماي .
تەسلىم بوپتۇ تەبىيەتنىڭ قانۇنىيتىگە ،
ئالتۇن تېنى ئۇپۇرماي ئۇزۇنغا بارماي .

دادامغا ئىلىم ئۆگنىشنى كۆرسەتكەن ،
قەبرەمنى يوقلا دەپ قارى قىلغان .
نۇرانە قامەتلىك مىنىڭ چوڭ دادام ،
نەۋرىڭىز رەھمەت دەپ قىلىدۇ بايان .

تاغىللىرىم تۇرمۇشتا پىشىپ يىتىلگەن ،
ئۇ ھايات چېغىدا شۇنداق يىتەھلىگەن .
ئۇ ئۆلدى ئاھ ئۇرۇپ يىغلىغان تاغاملار ،
ئۈزۇلگەن تەسۋىدەك ۋەيرانە چېچىلغان .

بىرى قىلدى  سايلىقنى گۈلىستان باغ  .
بىرى قىلدى ئەتىراپنى سۆگەتلىك شاخ .
قېرىنداش مېھرى بولدى ئېگىز تاغ ،
قېرىنداش ئۇنتۇلدى باللىرى بولدى ياغ .

ھېچ بىرى سالمىدى  باللىرنى مەرىپەتكە ،
قالاقلىق قىلدى  دىيەلمەيمە بۇنادامەتكە .
بىلگەندۇ مىنىڭچە ھازىرقى مەدىنىيەتتە ،
پۇشايمان قاچىسى بارمۇ؟بىزنىڭ جەمەتكە .

كۈيلەپ يازاي دەپ جەمەتىمنى ئويلىسام،
مەرىپەتتە ساۋاق ئالالمىسا بوپتۇ دېدىم .
ھېچ بولمىسا دۇئا قىلغۇدەك نەۋرە بارمۇ؟،
نە كۈيلەش نە ماختاشتىن سۆز يازالمىدىم .
    





108 قېتىم كۆرۈلدى 944382894 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-5 10:26:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-6 20:54:59 مەھمۇتجان
ناھايىتى ياخشى يېزلىپتۇ ، 👍
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ