دادامغا شىكايەت (نەسىر) - رەيھانگۈل

دادامغا شىكايەت (نەسىر) 

 رەيھانگۈل


    سىنى شۇنداق سىغىندىم دادا ،ھىللا خىيالىمدىن كەچكەن شۇنداق نۇرغۇن  سۆز-ئىبارىلەر دىن  ھىچ ئەسەر يوق كاللام قۇپقۇرۇق ،پەقەت يازغۇم كەلگىنى يەنلا شۇ بىر جۇملە سۆز،سىنى شۇنداق سىغىندىم دادا !
دادا كىچىڭ چىغىمدا چۇڭلاردىن ھاياتلارنى مەرھۇملارنىڭ روھى كۇرۇپ تۇردۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم راسمىدۇ،سەنمۇ مىنى  كۇرۇپ تۇرۋاتامدىغانسەن دادا،ئارزۇلۇق كەنجى قىزىڭنىڭ سەنسىز قىيىن سىناقلارغا دۇچ كىلۋاتقىننى بىلۋاتامدىغانسەن ،
سەن بىلەن شۇنداق مۇڭداشقۇم كەلدى ،قەبرە بىشىڭغا بارغۇم، يۇرگۇمدىكى باشقىلارغا ئىيتالمىغان تۇگۇنلەرنى ئېيتىۋالغۇم ،توغىرىرراقى سىنىڭ ھىدىڭنى ھىدلاپ پۇرۋالغۇم،سەن يوق تارتىقان كۈڭۇل خاپلىقلىرىمنى ئېيتىپ ھۆڭرەپ- ھۆڭرەپ يىغلاپ ئىچىمنى بۇشتىۋالغۇم كەلدى ،ئامالىم يوق ،بارالمايمەن ،سەن يوق شۇنچە يىل قەيسەرلىك بىلەن ياشدىم دادىسى بارلاردىنمۇ ياخشى ياشىدىم ،ئەمما بىلەمسەن دادا يىشىم ئوتتۇزغا ئۇلاشقاندا سىنىڭ يوقلۇقۇڭ يەنلا بىلىندى ،ياتلىق بولدۇم ،ئانام ،بىردانەم، بارلىق خۇشاللىقم يالغۇز قالدى ،كۇنلىرىم ئانامنىڭ كونا كىسىلدىن ئەنسىرەش دەككە دۇككە ئىچىدە ،سەن بولغان بولساڭ شۇنداق بۇلارمىدى دادا ، سىنى يىندا بار دەپ كۇڭلۇم توق يۇرگۇم پۇتۇن ياشار بولغۇيدۇم !
باللىق بولدۇم  سىنىڭ نەۋرەڭ بار بولدى قىزىمنى ئىلىپ باغچىغا چىقتىم ،مەن دىمەتلىك قىز دادسىغا ئەركىلگىنچە دادىسى بىلەن بىلەن قولتۇقلىشىپ ئالدىمدىن ئۇتۇپ كەتتى
قىزغا شۇنداق ھەۋسىم كەلدى ئويلاپ باقسام سەن بىلەن باغچىلارغا چىققىنىم پەقەتلا ئىسىمدە يوق ،تۆت ياش تۇرسام سەندىن ئايرىلغاندا بىلمەيمەندە ،تۇنجى قىتىم ئەزەلدىن باشقىلارغا ھەۋەس قىلمايدىغان مەغرۇر كەنجەڭ يىندا دادسى بار ئەركە قىزغا  ھەۋەس قىلدى !!!
سەن بولغان بولساڭ مەنمۇ شۇنداق ساڭا ئەركىلەپ ،سىنى قولتۇقلاپ باغچىلارغا بارار بولغۇيدۇم ھە- ددا!!
دادا ساڭا دەيدىغانلىرىم بەك كۆپ بەك كۆپ ،بۇنداق يازسام بەلكىم تىلفۇنۇمنىڭ تۇكمۇ يەتمەس ،راس دادا ساڭا بىر ئۇتۇنۇشۇم  سىنىڭ ئۇيمىزدە ساقلانغان (قاچان چۇشكۇنۇڭنى بىلمەيمەن  )ئاشۇ بىر پارچە كونا سۇرتىڭگە قارساملا چىرايىڭ غۇۋا ئىسىمگە كىلدۇ ،راسلا  رۇھىڭ مىنى كۇرۇپ تۇرسا چۇشلىرىمگە كىر ،چۇشۇمدە بولسىمۇ سىنى بىر رەت كۇرۋالاي جىنىم دادا !!
سىنى راسلا سىغىندىم  !!!!





68 قېتىم كۆرۈلدى rayhangul ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-25 7:42:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ