دادا دىدىم كەلمىدى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
دادا قاچان كېلۇرسەن،كۆز ياشلىرىم سېغىندى،
يىزىپ قويغان خەتلىرى، ھېچ يادىمدىن كەتمىدى،
چۈشلىرىمدە كۆرسەممۇ،پۇرالمىدىم ھېدىڭنى،
ئۆتۈپ كەتتى ئاي،يىللار،دادا دىدىم كەلمىدى.
ھالاۋەتنى كۆرمىدىڭ،زادى خۇشال كۈلمىدى،
بەخت ئىزلەپ بىزلەرگە،جاپا چەكتى، ھارمىدى،
ئەقىل بېرىپ تاۋېلاپ،تەمەلەرنى قىلمىغان،
گۈللەر قىساي دېسەممۇ،لىكىن دادام كەلمىدى.
ياخشى ئوقۇپ چوڭ بولۇپ.،پەزىلەتلىك بول دىدى،
ۋەتەن ئۈچۈن،ئەل ئۈچۈن،ئىزباساردىن بول دىدى،
ئىزى بېسىپ ئەجداتنىڭ،بەخت قۇشى قونسۇن دەپ،
ئۆتۈپ كەتتى ئاي،يىللار،دادا دىدىم كەلمىدى.
ناكەسلەردىن بولمىغىن،ئەزىمەتتىن بول دىدى،
سوتسىيالىستىك قۇرلۇشقا،بار كۈچۈڭنى قوش دىدى،
مۇنبەرلەردە تاۋلىنىپ،قالتىس باغۋەن بولغىن دەپ،
كىتىپ قالدى جان دادام،دادا دىدىم كەلمىدى.
69 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-11 11:07:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|