ھايۋانغا ئوخشاتماڭلار - ئابدۇۋارىس ئوسمان

 ھايۋانغا ئوخشاتماڭلا  

يازغۇچى:ئابدۇۋارىس ئوسمان

تەبىيتى ھايۋاننىڭ ئەقىلسىز بولغاچ ،
ھايۋانغا ئۇۋال قىلماڭلا ئادەملىرمىز.
ئۇلاردا غەيۋەت ھەسەتلەر بولمىغاچ ،
ئەخلاقسىز ئىنسان ھايۋانمۇ بولالماس.

ھېكىمەتتە قىلىنغان ھايۋان روھى ،
يولۋاس ئىزىدىن يانماس سۆزى .
ئۆملۇك بۆرىنىڭ كۈچ-قۇدۇرتى ،
بۇسۆز دىيىلگەن مىڭ يىل ئىلگىرى .

توشقاننى قورقۇنچاق دىيىلگەن ،
ھازىرچۇ ئادەملىرمىز يولۋاسمىدۇ.
توشقان باللىرغا بەك كۈيۇندىكەن ،
يىتىم بولۋاتقان  ئادەم  باللىرغۇ.

ئىتنى تەنقىتلەپ خاتا لاشماڭلار  ،
ساداقەت ۋاپاغا تولغان قەلبى .
ئادەمنى ئىت دەپ ئوخشاتماڭلار ،
ئىتمۇ بولالماس گاھى ئادەملىرمىز .

ھايۋان  زەھەرلىك چۆپنى يىمەس ،
نىمدەي ئادەمگە ئىچىپ  غىق مەس .
ئادەمنى ھايۋان دىمە ھايۋانغا ئۇۋال ،
ئادەمنى ھايۋان دىسەك قاملاشماس .

ھايۋاننى ئەقىلسىز دەپ كۆرەڭلەپ ،
قىلغان ئىشىمىز ئەقىلنىڭ ئىشىمۇ .
زىيانلىق يامانلىقنى بىلىپ تۇرۇپ ،
قىلغان يامانلىق ئەقىلنىڭ ئىشىمۇ .

ھايۋانغا سوئال-سوراق يوقتۇر ،
ھايۋاننىڭ بۇ بەخىت-تەختىدۇر .
سوراق كۈنى تۇپراق بولاي دەپ ،
گاھى ئىنسانلار  پۇشايمان قىلور .

ھايۋاننى خارلىما ئۇنىڭدا گۇناھ يوق ،
ئۇ ئازىدۇ ھەم بىلمەيدۇ ئەقلى يوق .
ئەقلى بار ئىنسانمۇ ئېزىپ يۈرۋاتسا ،
خارلاشقا  ئىنسانلارنىڭ ھەققى يوق .

     





126 قېتىم كۆرۈلدى 944382894 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-6 23:12:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-13 13:13:39 zahira
yahxi yizliptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ