راست - مىنەۋەر ئوبۇل ئاتۇش

راست

 

مىنەۋەر ئوبۇل ئاتۇش

 

كۆيمەي دىسەم نىگارىم كۆيگەنلىرىم راست،

 ۋىسال ئىشقى ئوتىدا سۆيگەنلىرىم راست.

 نە چارىدۇر كۆيگەن يۈرەك قات -قاتلىرىغا ،

 تۈن كىچىدە كۆز يۇمماي كۈتكەنلىرىم راست.

 قېپ قالغانكەن بۇ مىراس تاھىر زۆھرەدىن،

 قاچماس ئىكەن سۆيۈشلەر ئوتلۇق كۆزلەدىن.

 پەرۋاسىز قارىماسسەن چىن ئەقىدەمگە،

 كىچىش بەكمۇ ئازاپ ئىكەن شىرىن سۆزلەدىن.

 گۇناھ ئەمەس ئىنسانغا سۆيگۈنىڭ دەردى،

 ئۆتتى ماڭا ھەر مىنۇتتا مېھىر قەدرى.

 مىھرى ۋاپا گۈللىرى ياشنىتار دىلنى،

 ئېچىلاركەن سۆيگۈدىن گۈللەرنىڭ بەرگى.





150 قېتىم كۆرۈلدى مىنەۋەر ئوبۇل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-25 14:03:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-7-2 15:01:02 nabi
yahxe yez lep tu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ