ئۆزۈمگە ئۇخشايمەن ، ئۇخشايمەن ھامان
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
بىراۋدىن كۈتمەيمەن ۋاپا -ئەقىدە ،
ئۆزۈمگە ئۇخشايمەن ، ئۇخشايمەن ھامان !
يۈرۈكۈم كۆيسىمۇ ھىجران ئۇتىدا ،
ئۆزۈمگە ئۇخشايمەن ، ئۇخشايمەن ھامان !
مۇھەببەت سۆيگۈنىڭ داۋانى ئىگىز ،
چىقمايمەن ئۇنىڭغا بولۇپ قەدىرسىز .
نىھايەت ! كۆيگىنىم تىگى بۇزۇق قىز ؟
ئۆزۈمگە ئۇخشايمەن ، ئۇخشايمەن ھامان !
بەس سىلىپ كىتىشنى كۆرمەيمە راۋا ،
ئالەمنىڭ جەبرى كۆپ ،شادلىقى ئازلا .
ھەق ئىشنى ھەق دەيمەن ناھەقنى خاتا ،
ئۆزۈمگە ئۇخشايمەن ، ئۇخشايمەن ھامان !
پۇل تىپىپ بەخت سۈرۈپ كەتكەنلەر چاغلىق ،
ئۇرمايمەن ئۆزۈمنى پۇل -مالغا قاتتىق .
ئىزدەيمە تۇرمۇشتىن ھەقىقى ساپلىق ،
ئۆزۈمگە ئۇخشايمەن ، ئۇخشايمەن ھامان !
دۇنيادا ھەركىمنىڭ باردۇر دەرت -غىمى ،
بار يەنە ئۆي -ئايۋان يىيەرگە يىمى .
ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ ساپلىقنىڭ تىمى ،
ئۆزۈمگە ئۇخشايمەن ، ئۇخشايمەن ھامان !
مەن زاتى دېھقاننىڭ بالىسى -دېھقان ،
دىمەيمەن زاتىمنى باھادىر -پالۋان .
گەر نىسىپ بولسىمۇ ماڭا شەرەپ-شان ،
ئۆزۈمگە ئۇخشايمەن ، ئۇخشايمەن ھامان !
مىنگىنىم دۇلدۇلنىڭ ئۆزى بولسىمۇ !
كىيگىنىم پادىشاھنىڭ بۇزى بولسىمۇ !
يىگىنىم جەننەتنىڭ تۇزى بولسىمۇ !
ئۆزۈمگە ئۇخشايمەن ، ئۇخشايمەن ھامان !