ھېس قىلمىدىڭ سېغىنغىنىمنى - گۈلنىگار مەترۇزى
ھېس قىلمىدىڭ سېغىنغىنىمنى

گۈلنىگار  مەترۇزى 

سىنى شۇنچىلىك كۆرگۈم بار ئ‍ىدى ،
كۆرسەتمىدىڭ نۇرلۇق يۈزۈڭنى .
ساڭا يېقىملىق سۆزۈم بار ئ‍ىدى ،
ئ‍اڭلىمىدىڭ شىرىن سۆزۈمنى .

ئ‍ولتۇرۇپ مەن چىملار ئ‍ۈستىدە ،
دېدىم دەردىمنى روھسىز گىياققا .
تاپالمىغاچ بىر ئ‍ۆزۈڭنى جېنىم ،
شېئىر يېزىپ تۆكتۈم سىياھقا .


كۈندە قاراپ شۇ يوللىرىڭغا ،
كۆكتىكى قۇشقا قىلدىم نالە .
خىيالىمنى ئ‍ۇچۇرۇپ ساڭا،
قىلدى مىنى بېغىىڭدىكى لالە .

چۈشلىرىمدە شىرىن سۆزۈڭگە ،
ئ‍ېرىپ ساڭا سۇ بولۇپ ئ‍اقتىم .
ئ‍ويغۇنۇپلا قارىسام سەن يوق ،
كۆزلىرىم ياش ئ‍ازاپقا پاتتىم .


ئ‍وڭۇمدا بىر كۆرسەم گەر سېنى ،
خۇشاللىقتا بەخىتكە چۆمدۈم .
بىر كۈلكەڭگە جۆر بولۇش ئ‍ۈچۈن ،
ئ‍ازابىمنى ئ‍ىچىمگە كۆمدۈم .


ئ‍ىزدىمەستىن بىغەم بوپ يۈرسەم ،
بىلمىدىڭمۇ رەنجىگىنىمنى .
شۇنچە ئ‍ەسلەپ ئ‍وتۇڭدا كۆيسەم ،
ھېس قىلمىدىڭ سېغىنغىنىمنى .


2016-04-10





48 قېتىم كۆرۈلدى nigarhan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-4 0:24:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ