ئاداشمىغىن جان دوستۇم (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

ئاداشمىغىن جان دوستۇم
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

تۇغۇلغانتۇق بىر يۇرتتا،تونۇشقانتۇق چوڭ يولدا،
جىرىسناننى تالىشىپ،يېگەنتۇققۇ دوقمۇشتا،
پاخپاق ئويناپ،بالچۇقمۇ،توۋلىغانتۇق ۋاللەيمۇ،
ئۇنۇتتۇڭمۇ بالىلىق،نۇمۇس قىلماي جان دوستۇم.

كوچىلاردا قوغلىشىپ، چاقچاقلىشىپ ئوينۇشۇپ،
ئۆتۈپ كەتسە شۇ بىر كۈن،خۇش بولغانتۇق كۈلۈشۈپ،
دالىلاردا چۇقۇرشۇپ، ئۆچكە، ئوغلاق، قوغلۇشۇپ،
چارۋىلارنى توسالماي،يىغلىغانتۇق جان دوستۇم.

قول تۇتۇشۇپ ياندىشىپ، ماڭغانتۇققۇ مەكتەپكە،
تاپشۇرۇقنى ئىشلىمەي،كۆچۈرگەنتۇق دەپتەرگە،
تەنقىد قىلسا مۇئەللىم،سەۋەپ تاپتۇق تەسلىكتە،
قايتا ئىشلە دېسىمۇ،سۈكۈت قىلدۇق جان دوستۇم.

چىلەكلەرنى تالىشىپ،سۇلار چاچتۇق سومكىغا،
كەپسىزلىك دەستىدىن بىرگە قاچقان ئويۇنغا،
شورا قىلىپ تاملارنى،ئوغۇرلىدۇق غورىلار،
قېنى ئەمدى دوسلۇقۇڭ،ئۇنۇتتۇڭغۇ جان دوستۇم.

ئونىۋېرستىتقا تەڭ كىرىپ،بار-يوقنى تەڭ كۆرۈپ،
شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى،ناخشا-قوشاق تويلۇشىپ،
گۈزەل ياشلىق پەيزىنى،تەڭ سۈرگەنغۇ مۇڭدۇشۈپ،
قېنى ئەمدى ناخشىمىز،ئۇنۇتتۇڭمۇ جان دوستۇم.

خىزمەت ئىزدەپ بىر مەزگىل،تار كوچىلار قاترىدۇق،
مەڭگۈلۈككە دوست بىز دەپ، توختىماستىن جار سالدۇق،
تويلىرىمىز پەتىلەپ،بەخت تىلەپ ساز چالدۇق،
ئۆتتى شۇنداق نەچچە يىل،ئۇنۇتتۇڭمۇ جان دوستۇم.

كىچىك بولساق چوڭ بولدۇق،ئۆيلەر ئايرىپ دادا بولدۇق،
بالىلارنى ئويلۇشۇپ،كەلگۈسىدىن غەم قىلدۇق،
ئەقىل تېپىپ،يول تېپىپ، ئويلىدۇققۇ مال دۇنيا،
ئەسقاتمايدۇ بايلىقىڭ،كەچمە مەندىن جان دوستۇم.

گۆدەكلىكتە شۇنچە شوخ،ئوينىغانغۇ سوقۇشماي،
تاپقىنىمىز بىزنىڭ دەپ،تەڭ كۈلگەنغۇ قىچىشماي،
مال دۇنيانى تاپقاندا،يوقاپ كەتتىڭ بىلمىدىم،
يارىشارمۇ بۇ قىلىق،ھەي ۋاپاسىز جان دوستۇم.

مەنسەپلەرنى قوغلۇشۇپ،مال-دۇنيانى ئويلىماڭ،
ئەسقاتمايدۇ مال دۇنيا،كونا دوستنى تاشلىماڭ،
قىشلار كىتىپ ياز كىلۇر، يامانلىقنى ئويلىماڭ،
تۇرمۇش شۇنداق رەڭگارەڭ،ئاداشمىغىن جان دوستۇم.
     





128 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان( كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-25 21:59:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ