مېنىڭ شۇنداق ئانام بار

         مېنىڭ شۇنداق ئانام بار
جامالىدىن يۈسۈپ يانار

سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ
ئوغلۇم دەپ غەمگە پېتىپ
ماڭا ئىسسىق ئاش ئىتىپ
بېرىدىغان ئانام بار

مەن كەلگىچە سەپەردىن
ئامان بول دەپ خەتەردىن
تىلەپ ئۇلۇغ ئىگەمدىن
يىغلايدىغان ئانام بار

خوشال بولغان چېھرىمنى
شانۇ-شەۋكەت تەختىمنى
كۆرۈپ مېنىڭ بەختىمنى
كۈلىدىغان ئانام بار

مېھىر بېرىپ زارلاتماي
ئۆزگىلەرگە خارلاتماي
يېتىملىكنى چاندۇرماي
باقىدىغان ئانام بار

ساغلام تىمەن ياشلاردەك
قەددى خۇددى تاغلاردەك
كۈتەر مېنى شاھلاردەك
مېنىڭ شۇنداق ئانام بار

2017-يىلى 6-ئاينىڭ 17كۈنى تۇرپان شەھىرى

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589

     





94 قېتىم كۆرۈلدى جامالىدىن يۈسۈپ يانار ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-18 21:25:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ