دادامكەن
يازغۇچى: دىيانەت
يەڭنى تۈرۈپ ياشلــىقتا جاپالارغا بويسۇنماي،
جان بالام دەپ تەرىنى ئاققــۇزغىنى دادامكەن.
ئۆزى يېتــىپ كىگىزدە كۆرپىلەردە ھەم ياتماي،
مېنى ئىسـسىق كۆرپىدە ياتقـۇزغىنى دادامكەن.
***
كەتمەن تۇتـۇپ قولىــدا قاپارسىمۇ چىكىنمەي،
جاڭگاللىق ۋە چاتقالنى يەر قىلغىنى دادامكەن.
مېنى بېقىــش غېمـىدا بىرەر قېتىم دەم ئالماي،
مىڭ جاپادا چوڭ قىلىپ ئەر قىلغىنى دادامكەن.
***
تەستە تاپقـان پۇلىنى بىر تىيىــنمۇ خەجلىمەي،
بېقىــش ئۈچۈن مېنـــىلا خەجلىگىنى دادامكەن.
جاپا سالسام كېچىدە تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلاتماي،
كىچىپ شىرىن ئۇيقىــدىن بەزلىگىنى دادامكەن.
***
ئۈزى يىمەي يۇمشـاقنى زاغرا ناننى يەپ تۇرۇپ،
يىگىن ئوماق ئوغلۇم دەپ يىدۈرگىنى دادامكەن.
يېڭى كەيمەي كىيمىنى ياماق سېلىپ تىكتۈرۈپ،
ماڭا يېڭى كىيىمـــنى كەيدۈرگــــىنى دادامكەن.
***
غۇربەتچىلىك تۇرمۇشتا ياش تۇرسىمۇ كۆزلىرى،
كۆككە ئېتىپ ئوينىتىپ كۈلدۈرگىنى دادامكەن.
بىلىم بىرىپ كىتابتــىن ياغ ناۋاتتــەك سۆزلىرى،
ئاق-قارىنى كۆرســىتىپ بىلدۈرگـىنى دادامكەن.
***
دەرىس بىرىپ ھەركۈنى ئەدەب ئەخلاق ھايادا،
سۈزۈك سۇ دەك قەلبىمنى پاكلىغىنى دادامكەن.
چىڭ باشقۇرۇپ تەربىيلەپ ئوينىغۇزماي تالادا،
ھارام-ئەسكى يوللاردىن ساقلىغىنى دادامكەن.
***
ئاي ۋە يىلــلار ئالدىدا مۈكچـەيگەندە بەللىرى،
قېرىغانـدا كۈچىــدىن تەن بەرگىــنى دادامكەن.
ئەجەل يىتىپ سەكــراتتا قىينـــالغاندا تەنلىرى،
يەنە ماڭا تارتىـــشىپ جان بەرگىنى دادامكەن.
***
بۇ شېئىرنى مەن دادامغا ئاتاپ يازغانتىم، ئىمزارىمنى ئۈچۈرمىگەن بولسىڭىز ...رەھمەت.
.QQ: 476681766
2016-11-21-PM
***
| 185 قېتىم كۆرۈلدى | DiyanaT | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-19 3:33:55 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|