بىل ئاياشنى، ئاياللارنى ئەركەكلەر
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
بىل ئاياشنى، ئاجىزلارنى ئەركەكلەر،
ئۇلار بولغاچ، بۇ ھاياتلىق گۈزەلدۇر،
ئاياللارنى قەدىرلەشنى بىلمىسەڭ،
ئايلىنىدۇ ئەتراپىڭدا غەپلەتلەر.
ئەركەك بولساڭ، قەدىرلىگىن ئۇلارنى،
سۇنۇپ تۇرغىن ،قىزىل گۈلدەك قولۇنى،
كېرەك ئەمەس، ئاياللارغا بايلىقىڭ،
پەقەت كېرەك، مېھرىبانلىق يايلىقىڭ.
ئەركەك بولساڭ، قەدىرلىگىن ئايالنى،
ئاناڭ،قىزىڭ ھەممىسىلا ئايالدۇر،
سۆيەلمەمسەن سەنمۇ قىزىڭ،ئاناڭنى،
كىممۇ ئايار، سېنىڭ قىزىڭ بالاڭنى.
ئايال بولغاچ، ئايلىنىدۇ دۇنيارىڭ،
ھەتتا ئۆيۈڭ تۈگۈل، دۇنيارىڭ،
سۆيگۈ بەرگىن، ئاياللارغا سۆيۈنۈپ،
ئاياللاردۇر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈگى.
گۈل سۇنۇشنى بىلەلمىسەڭ ئۇلارغا،
خۇشپۇراقى بولمايدىغۇ بىلەمسەن،
ئاياللارنى كۈلدۈرۈشنى بىلمىسەڭ،
تۇرمۇشىڭنىڭ لەززىتى يوق بىلەمسەن.
شۇڭا دەيمەن ،پاك مۇھەببەت ئەيلىگىن،
قەدىرلىگىن ئاياللارنى بىر ئۆمۈر،
كېرەك ئەمەس خاقانلىقىڭ ئۇلارغا،
بېرىپ سۆيگۈ،قەلب ئېزھار ئەيلىگىن.
170 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-4 21:21:15 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|