لۇتۇننىڭ خىسلىتى ۋىجدانغا ماياك (شېئىر) - تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى

لۇتۇننىڭ خىسلىتى  ۋىجدانغا ماياك

تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى

(   ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ،ئوت يۈرەك شائىر لوتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 94 يىللىغىغا بېغىشلايمەن  )  

بىر ئ‍وبراز قەلبىمنىڭ تۆرىدە سۇلتان ،
چولپاندەك نۇرلىنىپ چاقنار داۋامەت .
مەدەتكار پېشىۋا مەن ئۈچۈن ھەر ئان ،
روھىمغا  بېغىشلار  ماغدۇر ،ھارارەت .

سېزىمەن ئ‍ۇنىڭدىن بىر بۆيۈكلۈكنى ،
(  كۆرىنەر گىگانت بەستى -سىماسى ) .
ئ‍ۈگەندىم ئ‍ۇنىڭدىن كىملىك ،ئ‍ۆزلۈكنى ،
مەنزىلىم يۇرىتار چاقناپ  زىياسى .

ئ‍ىجاتتا رەھنىما ،ياشاشتا ئ‍ۆرنەك ،
يېتەكلەپ ماڭىدۇ ھەقىقەت تامان .
شائىر بىر پەرۋانە -پىداكار دېمەك ،
بارلىغى ئ‍ەل ئ‍ۈچۈن تەسەددۇق ھامان .


لوتۇننىڭ خىسلىتى ۋىجدانغا ماياك ،
پەرلىنەر  ئ‍ىرادەم -تاۋلايمەن قانات .
غاپىللىق ئ‍ىنساننى ئ‍ەيلەيدۇ بىراك ،
ئ‍ەگەر يار بولمىسا شىجائەت ،سۇبات .

ياشاش -بىر كۈرەشتۇر ،ماڭدامدا سىناق ،
ئ‍ەڭ توغرا يېشىمى "يىللارغا جاۋاپ "@
تەپەككۈر كۆزىدە مىسرالارغا باق ،
تەكەببۇر ۋاقىتمۇ چەكتى ئ‍ىزتىراپ !

"خىيالچان تىلەك "@ تە ئ‍ىستەك چوغلىنار ،
ئ‍اھ ،شائىر قىسمىتى چېكىش دەرت -پىراق .
شادلىغى ، قايغۇسى ئ‍ەلگە باغلىنار ،
بىل :شەخسى غەرەزدىن ئ‍ەبىدى يىراق  .

 ئ‍وت ئ‍اچتى زۇلۇمغا قەلىمى  قۇرال ،
ھۆرلۈكچۈن قوزغىدى كەسكىن جەڭ -چېلىش .
نەزمىسى رەقىپنى تىترەتتى غال -غال ،
مىڭ ئ‍ۆلۈم شائىرغا بۇ يولدىن يېنىش .

روھىغا كەلگەن ماس "قاينام ئ‍ۆركىشى "@،
ئ‍ۆركەشلىك  ئ‍ىلھامى ئ‍ۇنىڭ توختاۋسىز .
نەمۇنە ئ‍ەيلىسە ئ‍ۇنى ھەر كىشى  ،
تەرىپى داستاندۇر ،قەلبى غۇبارسىز .

ياۋۇزلار قولىغا بولغاندا ئ‍ەسىر ،
دەھشەتلىك قىيناشلار قىلسىمۇ داۋام .
كۆرسەتسە ۋەھىمە ئ‍ەجەلدىن تەقدىر ،
قورقمىدى زەررىچە بەردى ئ‍ۇ چىدام .

ئ‍ەقىدە -ئ‍ىخلاسى ئ‍ەسلا تەۋرەنمەس ،
ئ‍القىشقا تالىقتۇر بۇنداق قەيسەر ھال .
ئ‍ېڭىدا بىر ئ‍وتلۇق سۆيگۈ مۇقەددەس ،
كۈلپەتلەر كەلكۈنى ئ‍ېتەلمەس پايمال .

جىسمىنى ئ‍ەيلىدى نابۇت جاھالەت ،
تەڭرىتاغ  ماتەمدە شۇ دەم ئ‍ەگدى باش .
بولغاندەك بىر يولى مۇدھىش قىيامەت ،
 مىسلىسىز ئ‍ەلەمدە   ساما تۆكتى ياش .

تۇيغۇلار ئ‍ۆرتەلدى ،  ھېسلار ھاسىدا ،
چۈمۈلدى سۈكۈتكە تارىم ھەم ئ‍ىلى .
بولغانمۇ مۇسىبەت بۇنىڭدەك كاتتا ،
باغرى چاك ،ئ‍ېزىلدى ئ‍ەل -ئ‍اۋام دىلى .

تۇزكورلار ھەر كۈنى مىڭ رەت ئ‍ۆلىدۇ ،
شەخسىيەت قۇربانى قىسمىتىمۇ  كاج .
تۆھپىكار ئ‍وغلاننى  ھەر جان سۆيىدۇ  ،
كەيدۈرەر بېشىغا ئ‍ىپتىخاردىن تاج  .

ياق لۇتۇن ئ‍ۆلمىدى ،تۇرىدۇ ياپ -ياش ،
مىليونلار قەلبىدە  ياساپ ئ‍ۇز قەسىر .
مۈمكىنمۇ روھىنى لەھەتكە قاماش ،
كېزىدۇ جاھاننى ئ‍اتلاپ كۆپ ئ‍ەسىر ؟!...

-----@ "يىللارغا جاۋاپ "، "خىيالچان تىلەك " لوتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىردىكى نادىر ئ‍ەسەرلىرى .
------@"قاينام ئ‍ۆركىشى " شائىرنىڭ ئ‍ەدەبىي تەخەللۇسى .
ئ‍اپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلىۋىزىيە ئ‍ىستانسىسىدىن





13217 قېتىم كۆرۈلدى xeydayi ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-10 0:22:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-15 21:02:49 ئابدۇراخمان ساۋۇت
شائىر تۇرسۇن ئىمىن شەيدائىنىڭ «لوتۇننىڭ خىسلىتى ۋىجدانغا ماياك » ناملىق شېئىرى -ھەقىقىتەن نادىر ئەسەر ئىكەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ