رايىم يوق (شېئىر) - رىزۋانگۈل

رايىم يوق
رىزۋانگۈل (مودەن)


سۆز ئاچمىغىن سۆيگۈدىن يالغانلارغا رايىم يوق.
ھەۋەسلەردە ئەسلىدىن تانغانلارغا رايىم يوق.
گۈل بېغىدا سۆيگۈنىڭ ئېچىلماستا غۇنچسى.
چەيلەپ ھارام نەفسىگە قانغانلارغا رايىم يوق.
…………،،،،،
چىن بولمىسا ئاشىقلىق ئويۇن كۆرمە ، ئەي نادان!،
ئىشىق يولى مۈشكۈلدۇر خەۋپ كېلەر بىل ناگان.
شۈكۈر قىلماي ، بارىغا ئىزلەپ يۈرگەن باشقا« دان»،
ۋاپا قىلماي ئەھدىدىن چانغانلارغا رايىم يوق.
…………،،،،،
ۋاپا قىلىش ۋەدىگە چىن مۇھەببەت ئۇزۇقى.
ئېتىزىغا  سۆيگۈنىڭ چاچماي مىھرى ئۇرۇقى.
گۈل كۆرۈنۈپ ئۆزگىنىڭ گۈزەل تەققى-تۇرقى،
نادانلارچە يولىدىن ئازغانلارغا رايىم يوق.


2017-يىلى 16-ئاپرىل .مايتاغ
     





77 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-16 20:23:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ