بىكار
ئابدۇۋارىس ئوسمان
ھەقىقەت نۇرىنى كۆرمىسە كۆزۇڭ ،
تاغ دەريا مەنزىرنى كۆرگۇنىڭ بىكار .
ھەقنى كۆرمىسە كۆز كامىرا دەيمەن،
جار سېلىپ كۆزۇم بار دېگىنىڭ بىكار .
كۆپ سۆزقىلىپ يۈرگەن بىلەن كىشىگە،
چىن سۆز قىلمىساڭ سۆزلىگىنىڭ بىكار .
ياخشىلىققا دەۋەت قىلىپ كىشلەرنى ،
ئاۋال ئەمەل قىپ سۆزلىمىسەڭ بىكار .
قولاق ئاڭلىمىسا پەن - نەسىھەتنى ،
مىنىڭ قۇلقۇم ساق دەپ يۈرگۇنىڭ بىكار .
تىڭشىغۇچمۇ ئاڭلايدىكەن سۆزلەرنى ،
توغرىنى ئايرىپ ئاڭلىمىساڭ بىكار .
يۈگرەشتە بەسلىشىپ مىدال ئالساڭمۇ،
ساخاۋەت يولىغا ماڭمىساڭ بىكار .
ھايۋانمۇ ماڭىدۇ تۆت پۇتلاق تېخى ،
يولنىڭ توغرىسىدا ماڭمىساڭ بىكار .
تەننىڭ رولىنى بىلىپ يەتمىسەڭلار ،
ئەزايىم بار دەپ يۈرگۇنىڭلار بىكار .
ھايۋاندىمۇ بار بىزدە بار ئەزالار ،
بۇنى بىلىپ ياشىمىساڭلار بىكار .
ئادەم دىكى ھەر بىر ئەزانىڭ رولى بەك مۇھىم سىز شۇ ئەزايىڭىز بىلەن ياخشى يامان ئىشنى قىلالايسىز جىق گەپ قىلىش ئارتۇق ياخشىسى دەيدىغىنىم ئەمدى ياخشى ياشاڭ ۋاقىت ئۈتەۋاتىدۇ بىرە قېتىممۇ توختاپ قالغىنى يوق بۇ ۋاقىت سىزنى قېرىتىپ قويغۇچە ياخشى ئىشنى جىق قىلۋېلىڭ ؟ 😔
326 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-20 17:50:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-2-20 19:41:15 | ئامانگۈل |
بەك ياخشى مەزمۇنلاركەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|