كەلدى نورۇز
مېھىرنىسا قۇربان
كەڭرى كەتكەن ئانا زىمىنىغا،
قۇياش ئىللىق نۇرىنى چاچتى.
يەر يۈزىدە ئېرىپ قار-مۇزلار،
قىش زىمىستان يىراققا قاچتى.
نورۇز بىلەن تاتلىق ئۇيقۇدىن،
جىمى جانلىق تەڭلا ئويغاندى.
سۆيۈپ ئۆتسە باھار شامىلى،
مەجنۇنتاللار لەرزان تولغاندى.
ئۈنۈپ چىقتى ئېتىز-قىرلاردا،
باش كۆتۈرۈپ بىدە،يالپۇزمۇ.
پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى كۆكتە،
ۋىچىرلىشىپ قارلىغاچلارمۇ.
ئاپئاق چېچەك لىباسىنى كىيىپ،
بىر-بىرىدىن ئۇز بولدى باغلار.
كۆڭۈللەرگە ھوزۇر بېغىشلاپ،
ھەجەپ گۈزەل مۇشۇنداق چاغلار.
نورۇز ئېشى ئەتتى ئانىلار،
داستىخاندا ئۇلۇغ دادىلار.
قوللىرىدا لەگلەكنىڭ يىپى،
ئۇچۇرشاتتى ئوماق بالىلار.
يەڭنى تۈرۈپ،كەتمەننى ئېلىپ،
ئېتىزىغا ماڭدى دېھقانمۇ.
ئەمگەك قىلىپ ھالال تەرىدىن،
ئالماقچى ئۇ كاتتا ھوسۇلمۇ.
كائىناتقا يىڭى بىر ھايات.
سوۋغا قىلدى نورۇزۇم بۈگۈن.
ئۆتكۈزەيلى نورۇز مەشرىپى،
يۈرەكلەردە قالمىسۇن تۈگۈن.
2017-3-20 غۇلجا شەھىرى
80 قېتىم كۆرۈلدى | 2550325358 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-21 18:03:21 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|