كۈلۈپ قوي - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

كۈلۈپ قوي


ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


تۇرمۇشتا غەيۋەتتىن قاچقىلى بولماس،
گۇمان,ھەسەتكە يانداشقىلى بولماس.
قايغۇرما كۆرسەتكەن قىسمەتلىرىگە،
ئازاپقا ئاھ ئۇرۇپ ئۆتكىلى بولماس.

ھاياتتا ئاز ئەمەس نامەردلەر ھىيلىسى،
ھىلىسگە يۇشۇرۇنغان تۈلكە كۈلكىسى.
ئۇنداقلار پەس كىلۇر كاھىش بىھاجەت،
بىر كۈنى تۈكۈلەر ۋىجدان يېغىسى.

كۈيۈشكەنڭ ئۇنتۇلار شىرىن كەچمىشى،
ئەرزىمەيدۇ ئۇنىڭغا باغرىلار تىلىشى.
يۈزۈڭگە ئىللىق كۈلكە يۈگۈرۈتكىن،
يەلكەڭدىن باسمىسۇن مۇھاببەت تېشى.
     





73 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-30 0:34:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ