چۈنكى ئىنسان ساپ ئالتۇن ئەمەس

چۈنكى ئىنساپ ساپ ئالتۇن ئەمەس

 

 سۆزلىرىمگە سالمىدى قۇلاق،

 يوق يەرلەردىن چىقىرىپ پۇتاق.

 چۈشەندۈرۈش ئۆزگە نە ھاجەت،

يۈرۈكۈمگە سالدىڭ سەن قاماق.

 

كۈتۈپتىمەن ئاۋارە بولۇپ،

دوسلۇرۇمدىن تاغدەك ۋاپانى.

 بىر تىيىنغا ئەرزىمەس ئىكەن،

 بوپ كەتسىمۇ ئالتۇنلۇق كانى.

 

 سەۋىر قىلدىم قۇياش چىقار دەپ،

 روھى تەنگە بولغاچقا ئوزۇق.

 ھېچ يامانلىق قىلمىغان ئىدىم،

 سانجىۋەتتى يۈرەككە قوزۇق.

 

 نىمە قىلساڭ قىلىۋال بۈگۈن ،

 كىلەر ساڭا بۇنىڭدىن ئوشۇق.

 ھايات دىگەن ئاجايىپ ئىكەن،

 بۈگۈن تۇتۇق ئەتىسى ئوچۇق.

 

 كۆڭۈل كۆكسۈم شۇنچە كەڭ ئىدى،

 چەكسىز كەتكەن كۆپكۆك ئاسماندەك.

 دەز كەتكۈزدى نازۇك قەلبىمگە،

 زەردە بىلەن پالتا چاپقاندەك.

 

 ئۈمۈدلۈك بول دەيدۇ ھەر ۋاقىت،

 ئازاپلارغا تولغان يۈرۈكۈم.

 ئۈمۈد كۈتسەم ۋاپاسىز دوستىن،

 جاڭگاللاردا قالار ئۆلۈكۈم.

 

كىرىپ قالسام زۇلمەت ئىچىگە،

 يوللۇرۇمغا بولمىدى چىراق.

 ئورەك كولاپ ھارمايدۇ دائىم،

 چارە ئىزدەر يىقىتار مايماق.

 

ئىشەنمىدىم ئىنسانلارغا مەن،

 گاھ ياخشىدۇر گاھى ئەجەپ پەس.

 شۇنداق ياشاپ ئۆتەركەن كىشى،

 چۈنكى ئىنسان ساپ ئالتۇن ئەمەس!

 

 ۋەدەڭدە تۇر بولمىغىن يالغان،

 چۈنكى بوۋاڭ ئۇيغۇر ئاتالغان.

 ۋىجدانلىق بول تۆكمە يۈزىنى،

بۇنداق كىشى خائىن سانالغان.

 

-تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)





116 قېتىم كۆرۈلدى kaxkareya ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-7 0:23:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ