ۋەتەن ئىشقى - مەۋلان ئابلىمىت ئوغۇز

ۋەتەن ئىشقى

مەۋلان ئابلىمىت ئوغۇز

ۋەتەن ئۈچۈن ياشىماق بولساڭ ،
ۋەتەن ئىشقىڭ بولمىسۇن خىرە.
ئۆزلۈكۈڭگە ياتقىن چىرمىشىپ،
ھالسىراشلار سالسىمۇ گىرە.

ۋەتەن ئۈچۈن ياشىماق بولساڭ،
بارچە قايغۇڭ شاتلىق بىلىنەر.
گەر تەسەددۇق قىلساڭ جىنىڭنى،
قىزىل گۈلگە قەبرەڭ پۈركۈنەر.

ۋەتەن ئىشقى شۇنداق ئىشىقتۇر،
ھەممە ئىشىق ئاڭا يىتەلمەس.
جىسمىڭ ھەريان بولسىمۇ سىنىڭ،
ئېسىڭ ئۇنىڭدىن نېرى كىتەلمەس.

قەلەم بولسا ھەر بىرتال گىياھ،
دەريالىرىڭ بولسا گەر سىياھ.
دىگۈم كېلۇر يازسام تۈگىمەس،
ۋەتەن ئۈچۈن بولمىسا رىيا.

-نىلقا ئابرال
     





27 قېتىم كۆرۈلدى mavlanoghuz ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-1 10:21:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ