مۇھەببەت - سەيپىدىن ئ‍امۇت

مۇھەببەت

 

سەيپىدىن ئ‍امۇت

 

 مۇھەببەت شەھىرىگە قەرىزدار كۆڭلۈم،

 قانمىغان باغرىگە ئ‍ەرىزدار كۆڭلۈم.

 بۇ ئ‍ىككى قۇتۇپنىڭ غەۋغاسىدا جەڭ،

 نە تاللاش ئ‍ىشقىدا ئ‍ۆلۈمكار كۆڭلۈم.

 مۇھەببەت ئ‍ىشقىسز يۈرۈش ياماندۇر،

ئ‍ايرلىساق تىنىدىن چىراي ساماندۇر.

قەدرىنى جان بىلگەن رابات بەندىنىڭ،

ماڭغانۇ ئ‍ىزلىرى نۇسرەت ئ‍اماندۇر.

قاي بىرسى ئ‍ۆزىنى سۆيگۈسىز دەرمۇ؟

 تۇرغان بۇ جايىنى ئ‍ەجرىسز دەرمۇ؟

 بۇ زىمىن «مۇھەببەت ناملىق» ماكاندۇر،

 ئ‍ۆزگىنى ۋە ئ‍ۆزنى بىلمىگەن بارمۇ؟

 لوقما جان قەستىدە ئ‍اش يەيدۇ تالاپ،

 سىڭگەيمۇ ئ‍ىچمىسە ۋىجداندىن شاراپ.

 سۆيگۈنىڭ رەستىدىن چېكىنسە نەپەس،

 يار زۇلۇم ھەر-جايدا مىلىسز ئ‍ازاپ.

مۇھەببەت يۆلەنچۇك يىقىلساڭ قۇت تاغ،

مۇھەببەت گۈلزارلىق ھۇزۇرۇڭغا باغ.

 تاشلانما تاشلىما ئ‍اداشساڭ ناگاھ،

 يۈرۈكۈڭ ساقايماس تاپىدۇ ياماغ.

 

 2016.9مارت





86 قېتىم كۆرۈلدى سەيپىدىن ئامۇت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-13 13:29:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ