ھارما گۈدەكلىك
ئابلىمىت ئابلا
ھەرسائەتتە چۆكىمىز مۇئەللىمنىڭ سۆزىگە،
دەرىستىكى تۇيغۇلار سەكرەپ كەتتى تەرەپكە.
بەزى ئاستا بەزى تىز چۈشىنىمىز مەزمۇننى ،
ھەرخىل يىڭى بىلىمنى قوغلىشىمىز بەس بەستە.
ھەرسائەتتە بار ئارمان، ھەرسائەتتە تار دەرمان،
بولۇپ دەۋىر ياشلىرى ئىنتىلىمىزھەر ھەريان .
بىز ئەۋلادلارھارمايمىز، ئەجداتلاردىن قالمايمىز،
مەڭگۈ شىرىن ئارزۇغا ئىنتىلىمىز قانمايمىز.
بىزلەر ئۈمىد ، بىزلەر ھەم چىراق ،
ئىشەنچىمىز تۇرىدۇ ساپ ساق .
بىزلەر بولساق ۋەتەن باراقسان ،
چۈنكى بىزدە ئۈمىدلەر قايناق.
بەلكىم ئۇچرايمىز ئىغىر كۈنلەرگە ،
پەقەت يىڭىش بىلەن قىلىمىز غەلبە.
ئاشۇ چەكسىز غايىنى قوغلاپ ،
چىدايمىز ھەر چاغ بارچە قىسمەتكە.
2014.10.5
| 140 قېتىم كۆرۈلدى | urtanma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-24 2:05:47 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|