سىغىشمايمىز نىمىشقا - ئابدىراھمان ھېكىم ئىشەنچ

·—سىغىشمايمىز نىمىشقا—·

ئابدىراھمان ھېكىم  ئىشەنچ

ئىنسان  تۇرۇپ  ۋىژدان  بىلەن  ئادەمدەك ياشماي.
ئاچ    قالغان   بۆرىدەك   بىر-بىرمىزنى غاجىشىپ.
ھايا  قىلماي   خەلق   ئالەم   ئالدىدا  سەتلىشىپ.
ئازغىنە  مەنپەتنى  دەپ  دوس  بۇرادەر  ياتلىشىپ.

ئۆز  ئۆزىمىزنى   خەققە    ئاشرۇپ  داڭلىشىپ.
نىمە  پايدا ئالدۇق   ئۇيۇن  قۇيۇپ مازلىشىپ.
نۇمۇس   قىلماي   كىشى    ھەققىگە  قارىشىپ.
ئۆزگىگە قارا ساناپ ھىلە ئىشلىتىپ پەسلىشىپ.

سىغىشمايمىز نىمىشقا؟ شۇنچە كەڭرى جاھانغا.
قۇرۇق نام ئابروي تالىشىمىز،قايسى ھالىمىزغا؟
بۈگۈنمۇ ئەتە بىلمەيلا، ھامان  كىتىپ   قالىمىز.
كىرسەك تۇپراق قېتىغا قالار بىزنىڭ نىمىمىز؟…

2016-يىل10-ئاينىڭ27-كۈنى كۇچا

506838927      





121 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-27 20:52:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ