قىلماق جۇۋاننىڭ قەستىدە (شېئىر) - ​ ئوسمان ئابدۇللا

قىلماق جۇۋاننىڭ قەستىدە
   
 ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)

بولىمشم سۇلغۇن چىراي،كۆڭلۈم گۈلۈمدە ئەسلىدە،
ئشقىدا مەن قانداق چىداي، ئنتىزارلىق دەستىدە .
بىر كۆرۈش مۈشكۈلدە قالدى، يۈرۈگۈم يىغلارۇ زار،
كۆڭۆل رايىم پىنھاندىدۇر، ئول جاناننىڭ تەختىدە .

ئاھ ئۇرۇپ داغلاردا قالدىم،چاچقاندا ئارمان نور-زىيا،
بىخ سۈرۈپ قەلىب بىغمنى ئوراپ ئالغاندا بىر گىيا.
پەرۋىشىگە تەييار ئىدىم، گۈلۈمگە مەن باغىۋەن گۇيا،
مەقسەتلىرىم تامام ئايان، ئىدى جاناننىڭ بەختىدە.

ئىيقىن گۈلۈم، كىملەرگە خار سەن؟ كىملەرگە زار؟
كىملەر سنىڭ ئوتوڭدا كۆيدى؟كىملەر ساڭا غەمگۈزار.
بىلسەڭ پەقەت مەقسەت ئۈچۈنلا سۆيگەن شۇ يار،
ئاقىۋەت چەيلەر سىنى، قىلماق جۇۋاننىڭ قەستىدە.

گۈل ئىدىڭكى خۇشپۇراق،بىغمدا سەن بولغاندا گۈل،
ئىچلغان باغىمدا سەن، شىخڭغا مەن قونغاندا گۈل .
توزىدىڭ شۇنچە تىزلا،ئىچىلاي دەپ تۇرغاندا گۈل ،
بىئەجەل كەتتىڭ ئۈشۈپ ، غۇنچە باھارنىڭ پەسلىدە.

سەن يەنە چىچەك ئاچامسەن؟ئىچىلامسەن؟ بىلمىدىم،
كۈنۇ-تۈن خازان دىلىم، ئەسلىم نىگارنى ئىزدىدىم .
مەھكۈملۇق ئىلىكدە يار ، مىنى باغاشلاپ ئال دىدىم ،
ئارمىنىم مەھشەرگە قالدى، بۇ گول زاماننىڭ رەپتىدە .

رەھىم ئەيلە، ئى ئىگەم، غىربىڭنىڭ قەلبىنى كۈلدۈر،
مىڭ ئۆلۆشكە رازىمەن، منى جانانىم باغىرىدا ئۆلتۈر .
ھاياتقۇ راس تاتلىق لىكىن، قىلىمەن چەكسز شۈكۈر،
تۆرىلىپ قايتا ياشايمەن، ماھيتابانىنىڭ ۋەسلىدە .

  2017-يىلى1-ئاپىرىل (قارىتاغىز)
     





85 قېتىم كۆرۈلدى ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-4 19:45:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ