قالايمىقان ئۇچۇر يوللىماڭ (شېئىر) - ئابدۇراھمان ئبىراھىم كورلا

 قالايمىقان ئۇچۇر يوللىماڭ!
(شېئىر)

ئابدۇراھمان ئبىراھىم كورلا

كىردۇق مانا، ئۇچۇر دەۋرىگە،
يانفون ئالدۇق، ھەتتا نەۋرىگە.
قالدۇق يەنە، بەزەن جەبرىگە،
قالايمىقان ئۇچۇر يوللىماڭ.

تېلېفونلار ئىلغار بولدى،
ھەتتا ئۇندا، ئۈندىدار بولدى.
ھەر خىل نەرسە، يوللىنار بولدى،
قالايمىقان ئۇچۇر يوللىماڭ.

ھەر كاللىدا، ھەر ياڭزا ھەۋەس،
يوللاشلىرى، ئاجايىپ بەس -بەس.
يوللىغاننى ئۆزىمۇ بىلمەس،
قالايمىقان ئۇچۇر يوللىماڭ.

ھەممە جىددى، مۇقىملىق ئۈچۈن،
تېلېفونمۇ خەتەرلىك بۈگۈن.
سەزگۈر رايون، بىلسىڭىز توپ- چۈن،
قالايمىقان ئۇچۇر يوللىماڭ.

شۇ سەۋەبتىن، تۇتۇلدى ياشلار،
پۇشايماندا ئىگىلىدى باشلار.
ئىبرەت ئېلىڭ! ئەزىز تورداشلار،
قالايمىقان ئۇچۇر يوللىماڭ.

تور مۇھىتى ئىللىق ئۆيىمىز،
بىز ھەممىمىز، ئۇنى سۆيىمىز.
ياڭراش ئۈچۈن، مەڭگۈ كۈيىمىز،
قالايمىقان ئۇچۇر يوللىماڭ.

تىنچ ياشاش، ئىنسانغا غايە،
قىلار تۈرمە، ئۆمۈرنى زايە.
بۇ سۆزۈمگە، قىلىپ رىئايە،
قالايمىقان ئۇچۇر يوللىماڭ.

ئابدۇراخمان ئىبراھىم.
ئاپتورنىڭ ئۈندىدارى:13899022303
ئەجرىمگە ھۆرمەت قىلىڭ، نامسىز قويماڭ.
   





44 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇراھمان ئىبراھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-25 5:05:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ