بۇ ھايات
ئايشەمگۈل ئەخەت
ئەجەل پەيتى كەلسە كىتەرمىز ھامان ،
ئۆتكۈنچى بۇ دۇنيادا ھەممىمىز مىھمان .
قونالغۇدۇر تۆت كۈنلۈك ئالەم بىزلەرگە ،
ئۈلۈم شەربەت تېتىشقا كۈتەرمىز پەرمان .
بۇ ھايات بەكمۇ قىسقا چەكلىك مۇساپە ،
تۇرمۇش غېمى ھەممىنى قىلار سەرسانە .
بۇ دۇنيالىق پۈتۈلگەن رىزىق نىسىۋە ،
ئاقىۋەت ئېپ كىتەلمەي كىتەر يىگانە .
پەلەك چاقى توختىماي تۇرار ئايلىنىپ ،
ۋاقىت ھايات ئوغرىسى توزار كۈل قىلىپ .
كائىناتتا ئېچىلماس سىرلارغا قاراپ ،
تەپەككۇر جەۋھىرىدىن ئىلھاملار تېشىپ .
باقىۋەندە بولمىغان ئەزەلدىن دۇنيا ،
نادانلىقتا بىلمىسەڭ تارىختىن سورا .
نى ئالەمنى سورىغان خانلىقنى زىمىن ،
ئىسمى يەر يەپ كەتتى قالمىدى ئىزنا .
كىبىرلىكنى ئۆزەڭگە ھەمراھ قىلمىغىن،
ئەل يۇرتۇڭغا مىھرىڭنى بېرىپ ياشىغىن .
پىراقىڭدا ئوت كەبى يانمىسۇن ئاشىق ،
چىن ئەقىدە سۆيگۈنى خارۇ-زار ئەتمىگىن .
سورىغى بار جاھاننىڭ ھىساپ يىغىدۇ ،
كۈلگەنلەر كۈلىۋەرمەس يىغا كىلىدۇ .
مۇھتاجلىقتىن سىقىلىپ بويۇن قىسقاننىڭ ،
سەۋەبىنى سەۋىر بىلەن قوشۇپ بېرىدۇ .
2016-1-28
| 118 قېتىم كۆرۈلدى | ئايشەمگۈل ئەخەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-29 9:44:52 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|