ئانام ئىيتقان ئەللەي ناخشىسى (نەسىر)
بۇخەلچەم داۋۇت
مەن بالامنى بۆلەيمەن،
تاغدىن-تاققايۆلەيمەن.
شۇ بالامنىڭ بەختىنى،
خۇدايمدىن تىلەيمەن .
دۇنيادىكى ئەڭ يىقىملىق ئاھاڭ،مۇڭلۇق كۇي،چەكسىزمۇھەببەت ۋەئاجايىپ ئىشتىياق بىلەن ئىيتىۋەتقان ئەللەي ناخشىسى قىزىمنى شېرىن ئۇيقۇغا ، مېنى گۇزەل ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلاپ كىرەتتى.
ئاناقەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان بۇ ناخشا -بوۋامنى،مومامنى، دادامنى، ئانامنى مېنى ھەم بالامنى، دۇنيادىكى بارلىق ئىنساننى يىقىملىق سادالىرى ، مۇھەببەتلىك كۈيلىرى بىلەن ئۇخلىتىپ ،ئويغىتىپ ،كۈلدۇرۇپ ،يىتلەپ، پەپىلەپ،تەربىيلەپ…چوڭ قىلغان!
تۇن كىچىلەردە مىنىڭ يىغامدىن ئويغۇنۇپ شېرىن ئۇيقۇسنى بۇزۇپ مېنى ئىمىتىپ بۆشۇكنى قۇچاقلىغىنڭچە ئەللەي ناخشىسنى ئىيىتىپ مېنى ئۇخلىتاتىڭ -ئانا.
مەنمۇئانا بولدۇم ، ئۇماق مەلكەمنى چەكسىز مۇھەببەت بىلەن پەپىلەپ ئولتۇرۇپ ،ئانامنىڭ بىزنى ئەنەشۇنداق جاپالىق بىقىپ چوڭقىلغان بۇچەكسىز مىھىرىڭگە نىمە دىيىشنى بىلەلمەي ئۇلتۇرغىنىمچە ئانامغا سىنچىلاپ قارىدىم.ئانامنىڭ يۇزىدە ھايات مۇساپىسنىڭ يالدامىسى بولغان قورۇقلارنىڭ ،چىكىسىدە جەبىر-جاپانىڭ سوۋغىسى بولغان ئاق چاچلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ھەم كۆزلىردىكى ھارغىنلىقنى كۆرۇپ كوڭلۇم يىرىم بولۇپ، يۇرۇكۇم ھەسرەتلىك ئىچىشتى .شۇئان ئانامنىڭ ياش، چىرايلىق، ساغلام ھەم جۇشقۇن يۇزلىرىنى ، نۇرلۇق مەڭزىلىرنى ئەسلەپ قالدىم .ئاھ خۇدا ،يىللار ئانامنى نىمانچە تېز ئۆزگەرىۋەتكەندۇ ؟بىرئۆمۇر ئۆي ئىشلىرى ،بالاغەملىرى بىلەن ئاۋارە بولغان ئانام دادام بىلەن جاپا ھەم ھالاۋەتلەردە بىرگە بولۇپ،بىزنى ئىللىق ئائىلە مىھرىدىن بەھرىمان قىلىپ ئۇقۇتۇپ ھەم ئۆي ئوچاقلىق قىلىپ، ئەمدى مېنى پەپلگەن ئەللەي ناخشىسى بىلەن قىزىمنى پەپىلەۋاتىدۇ…
ئېھ ئانا!سەئانا!سەن بىز ئۈچۈن شامدەك كۇيۋاتىسەن ،ئاھ،يايلايدىغان يايلىقىم ،ئانام…بالامنى ماڭا بەرگىن مەن ئۆزۇم پەپىلەپ ،ئۇيقىسىز كىچىلەرنى تاڭغا ئۇلاپ ئانا بولۇشنىڭ تەمنىتىتىي،شۇندىلاسېنىڭ قەدىرىڭگە تىخىمۇ يىتىمەن سەن ئەمدى يۇمشاق كۆرپىنىڭ ئۇستىدە مامۇق ياستۇققا باش قۇيۇپ ئارام ئالغىن ،نەۋرىلىرىڭنىڭ يىغىسنى ئەمەس بەلكى كۇلكىسنى ئاڭلاپ شادلانغىن ،ئۇماق نەۋرىلىىرىڭ بودرۇق قوللىرى بىلەن پۇت-قۇلۇڭنى تۇتۇپ قويسۇن…
ئېھ ئانا، ئەكەل بىز ئۈچۈن كىر يۇيۇپ ،نان يىقىپ،ئاش ئەتكەن قۇلۇرۇڭغا سۇيۇپ قوياي يۇرىكىم بىلەن !
157 قېتىم كۆرۈلدى | بۇخەلچەم داۋۇت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-4 20:16:03 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|