بىز
مىرزات تۇرسۇن
قەدەھلەرنى كۈتۈرۈپ ئۈلپەتداشلار بولدۇق بىز،
بىر-بىرىنى تۇنۇشماي قېرىنداشلار بولدۇق بىز.
ئاتا-ئانىنى قاقشىتىپ خانۇ-ۋەيران قىلدۇق بىز،
ئەقىل، ئىنساب، ئىماندىن يۈزنى ئۆرۈپ قاچتۇق بىز.
ئېھ خالايىق غەپلەتتىن قاچان ئويغۇنۇپ كىتەرمىز.
رومكا ئېلىپ قوللارغا شاراب ئىچىپ يۈرگەن بىز ،
كەيىپ سۈرۈپ كۈندۈزى توپا مىلىنىپ ياتقان بىز.
ئۆيگە كىلىپ ئاخشىمى ئۇرۇش-جىدەل قىلغان بىز،
يىتىم قىلىپ باللارنى ئۆيدىن قۇغلاپ چىققان بىز.
ئېھ خالايىق غەپلەتتىن قاچان ئويغۇنۇپ كىتەرمىز.
قۇغلاپ چىقىرىپ بالىنى يالغۇزسىراپ قالدۇق بىز،
ئاتا-ئانا ئالدىدا يۈزسىز بۇلۇپ قالدۇق بىز.
ئەل-جامائەت خەلقنىڭ لەنىتىگە قالدۇق بىز،
ئىت كەبى يۈز تاپالماي نەلەردە سەرسان بولدۇق بىز.
ئېھ خالايىق غەپلەتتىن قاچان ئويغۇنۇپ كىتەرمىز.
| 45 قېتىم كۆرۈلدى | مىرزات تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-5 15:44:32 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|