باھار ئىشقى ​ - ئەرشىدىن مەخمۇت ئەرش

   باھار ئىشقى

ئەرشىدىن مەخمۇت ئەرش


باش ئەگىز شىرىلداپ ئىيتتى كۈي -ناخشا.
ئەي گۈزەل باھارىم ياشنا كۈلگىن دەپ.
ھاياجان ئىلكىدە ئويغا پاتىمەن.
يۈرۈكۈم بىر دەريا تۇرغان كۈۋەجەپ.

قەلبىمدە بىر ئارزۇ ئويغاندى شۇئان.
باھارنى سەنەمدەك سىزاي دەيدىغان.
مەن غېرىپ، ئاشىقتەك مېھرىمنى بېرىپ.
قېشىدا گۈل سۇنۇپ تۇراي دەيدىغان.

ھەر ھەرىپ ھەر سۆزۈم ھەربىر مىسرايىم.
ھۈپپىدە ئېچىلغان سەرخىل گۈل بولسا.
ھەر كۇپلېت خەلقىمنىڭ روھى ئۇرغۇتۇپ.
ھىد-ئىپار تارقىتىپ كۆڭلىنى ئالسا.

ئىشقىدا بۇلبۇللار چاڭىلداپ سايراپ.
گۈللەرنى مەدھىيلەپ داستان ئوقۇسا.
پورەكلەپ ئېچىلار شۇندا ئارمانىم.
باھارنى تەڭكەش قىپ تارقالسا ناخشام.

2016,,11,,,8
     





47 قېتىم كۆرۈلدى arxidin ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-9 20:39:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ