سېغىنىش (شېئىر) - ئەركەم

سېغىنىش (شېئىر) 

 ئەركەم


 ئەجەپ سېغىندىم سىنى خان ئاتا،
مىھرىڭ بىلەن كۈلگەن چېغىڭنى.
سېغىنغانتىم شۇنچىلىكمۇ ھەم،
مىنى ئەيىپلەپ سالغان تىلىڭنى.

گۈل كۆرۈندى ماڭا سۈرىتىڭ،
كۆزلىرىمدىن ئاقتى ھەسرەت ياش.
قاراپقالدىم شۇنچىلىك غەمكىن،
مۇزلاپ قاپتۇ سەن ئولتۇرغان تاش.

بەللەر سۇنۇپ قايرىلدى قانات،
غېرپلىققا چۈمدى قېرىنداش.
كۆيدۈم ساڭا دوستۇم دىگەنلەر،
بولالماسكەن سېنىڭدەك ئاداش.

چۈشلىرىمگە كىرىپتۇرساڭكەن،
ماڭا بىررەت،كۈلۇپ باقساڭكەن.
توساتتىنلا ئويغۇنۇپ كەتسەم،
مەڭزىمگە سۆيۈپ قويساڭكەن.
     





42 قېتىم كۆرۈلدى arkam ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-6 4:27:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ