ئۆزۈڭ كەبى چوڭ قىلمىغىن قىزىڭنى
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
بىشەم بولۇپ ياشاپ كەلدىڭ ئۇزاقتىن ،
ئۆزۈڭ كەبى چۇك قىلمىغىن قىزىڭنى !
پەرقىڭ يوقتۇر ھەركىم مىنەر ئۇلاقتىن ،
ئۆزۈڭ كەبى چۇڭ قىلمىغىن قىزىڭنى !
كىرەك بىزگە قىزىڭ كەبى سەبىي قىز ،
كىرەك بىزگە مايسا تولغان كەڭ ئېتىز .
كىرەك بىزگە تاجىك قېنى تاجىك ئىز ،
ئۆزۈڭ كەبى چۇڭ قىلمىغىن قىزىڭنى !
ئۆزۈڭ تاغلىق ، قىزىڭ باغلىق بولمىسۇن ،
پاك تىنىگە چىۋىن چاغلىق قونمىسۇن .
زىناقىدىن ھايا-ساپلىق پۇرىسۇن ،
ئۆزۈڭ كەبى چۇڭ قىلمىغىن قىزىڭنى !
تەربىيە قىل گەرچە ئەيبىڭ بولسىمۇ ،
كەچمىشىڭگە تۇرۇپ ئىچىڭ كۆيسىمۇ .
ھايالىق بوپ ئەسلى -ۋەسلىڭ قۇرسىمۇ ،
ئۆزۈڭ كەبى چۇڭ قىلمىغىن قىزىڭنى !
| 22 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-7-18 21:39:56 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|