·—ۋەدىسى يالغان—·
🎄💔ئابدىراھمان ھېكىم💔🎄 🌹ئىشەنچ🌹
ئازاپ چېكىپ ياش تۆكمە ئىنسان،
بۇ كۈندىكى ئادەملەر، يالغان،
كىمنى كۆرسەڭ ئىسىل دىمىگىن،
بەزى سىرداش ھەمدەملەر يالغان،
ئاشىق بۇلۇپ يۈرمىگىن يەنە،
تۇنجى كۈرۈپ كۆيگىنى يالغان،
ئەركىلىسە ئىرىپ كەتمىگىن،
سىنى ياخشى كۆرگۈنى يالغان،
ھەۋەس قىلما پۇلدار بايلارغا،
داڭلاپ يۈرگەن ئىشلىرى يالغان،
مەڭگۇ ئەمەس ئۇنۇڭغا بايلىق،
ئىسسىق دىگەن قىشلىرى يالغان،
بىر كۈرۈپلا چۈشەندىم دىمە،
ئەسلى ئېيتقان سۆزلىرى يالغان،
كۈتۈپ يۈرمە ئۇنۇڭدىن ئۈمۈت،
ساڭا باققان كۆزلىرى يالغان،
نىشان بولسا ئۆزۈڭگە ئىشەن،
مەقسەت باشقا، كۆرگۈنۈڭ يالغان،
ئۆمۈر بەرسە بىرگە ئۆتسەك دەپ،
ۋەدە بەرگەن«سۆيگۈنۈڭ» يالغان،
2016-يىل10-ئاينىڭ24-كۈنى كۇچا
506838927
123 قېتىم كۆرۈلدى | ixanq | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-31 19:21:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|