مەن ساڭا بېقارار ئاشىق، غەم چىراي
ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)
سەن مىنىڭ جانانىم، گۇيا تۇلۇن ئاي،
شۇ سەۋەپ ئارمانىم گۈزەل، بىر تالاي.
مەن سنىڭ ئويۇڭدا بولاي، يا بولىماي،
مەن ساڭا بېقارار ئاشىق ، غەم چىراي.
سەن سەبى، غۇبارسىز، گۈزەل بىر جانان،
سەن بولغاچ ، گۈزەلدۇر ماڭا بۇ جاھان.
سەنسز جاھان، بىل ماڭا ئاخىرقى زامان،
مەن ساڭا بېقارار ئاشىق ، غەم چىراي.
مەن سىنىڭ بىمارىڭ، داۋاسى ئۆزۆڭ ،
ھەر تىنغان تىنىقىنڭ ھاۋاسى ئۆزۆڭ.
مەن گۇيا سۈبھى-تاڭ، ساباسى ئۆزۆڭ،
مەن ساڭا بېقارار ئاشىق ، غەم چىراي.
سەن بولغاچ قەلبىمدە،ھەر پەسلىم باھار،
كۆزلىرىڭ شەھلادۇر، مەن ئاشىق خۇمار.
بىلەمسەن؟ بۇ كۆڭلۈم پەقەت سەندە يار،
مەن ساڭا بېقارار ئاشىق ، غەم چىراي.
2107-يىلى-13-ئاپىرىل (قارىتاغىز)
51 قېتىم كۆرۈلدى | ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-13 10:03:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|