بىكار (شېئىر) - ھەسەنجان تىلىۋالدى

بىكار

ھەسەنجان تىلىۋالدى شېئىرى 


باھار كەتسە تىنغان دەريانىڭ،

سۈيى سۈزۈك ئاقمىسا بىكار.

بىريار ئۈچۈن دەرت تارتقان بىلەن،

تەغدىر كۈلۈپ باقمىسا بىكار.


ئالەمدە كۆپ كۆيدۈم دىگەنلەر،

يار بولالماس  سۆيدۈم دىگەنلەر،

مۇھەببەتنى ئويۇن بىلگەنلەر  ،

تۆت كۈن يۈرۈپ تاشلىسا بىكار .


تۇنجى ياردىن ئۈزمە مېھرىڭنى،

سوغۇق قىلما ئايدەك چېھرىڭنى،

ئەل يۇرىت بىلسە قىلغانلىرىڭنى،

كۆڭلۈڭ ئارام تاپمىسا بىكار .


يامان دىمەي ئۆز يارىڭغا باق ،

ئۆز يارىڭنىڭ سۆيگۈسى ئاپئاق.

ئىككىنجى يار قويۇپ سىنى تاق،

كۆزلىرىڭنى ياشلىسا بىكار.


بىرگە قىلساڭ بىردىن يانىدۇ،

ئۆتنە جاھان ھېساب ئالىدۇ،

ئوسما كېتىپ قاشمۇ قالىدۇ.

يۈرەك مەڭگۈ قانمىسا بىكار.


ئۈندىدار:1977084646





92 قېتىم كۆرۈلدى ھەسەنجان تىلىۋالدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-6 15:57:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ