ئ‍ەنسىز كېچە - رىزۋانگۈل (مودەن)

ئ‍ەنسىز كېچە
رىزۋانگۈل (مودەن) 


شۇنچىلىك تىمتاستۇر گۈزەل بۇ كېچە،
چىقماقتا شىۋىرغان جاننى قاقشىتار. 

پاتقانچە خىيالغا كەتتىم يىراقلاپ،
كۈڭۈللۈك ھاياتقا ئ‍ىدىم مەن خۇشتار.
……،،،،
يىراققا  تىكىلگەن ئ‍ۈمۈدسىز كۆزۈم،
تولدىغۇ ئ‍اھ ئ‍ەجەپ ھەسرەتلىك ياشقا.
سۈكۈتكە كۆمۈلدى ئ‍اچچىق ئ‍ەلەملەر،
بۇلارمۇ سەبىرلەر بالا بۇ باشقا؟
……،،،،
ۋۇجۇدۇم گۇياكى زىمىستان كەبى،
سوغۇقتۇر قالمىدى قىلچە ھارارەت.
مەيۇسلۇق چۇلغىدى بۇ مىسكىن دىلنى،
ئ‍ىللارمۇ بىلمىدىم مىھىردىن بىر رەت.
……،،،،
تىلىمنى چۈشىنەر دوسلۇرۇم كۆپتۇر،
كېملەركىن چۈشەنگەن دىلىمنى قېنى؟
ئ‍ەنسىزمەن ساختىغا تولغان ئ‍ەتراپىم،
كېملەركىن كۈلدۈرگەن يۈرەكتىن مىنى؟
……،،،
2016-يىلى27-نۇيابىر كېچە.مايتاغ
     





79 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-2 17:28:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ