تەنھا گۈل
-ئابلىكىم ئابلەت (ئەرتۈرك )
يول بويى ئۇچرىتىپ قالدىم بىر گۈلنى ،
ھۆسنى ھەم كىشىنى قىلىدۇ ھەيران .
ھال سوراپ قىشىغا بىرىشىمغىلا …
باشلىدى قىلىشقا دەردىنى بايان .
تەنھالىق ئىلكىدە ئۆتتى نەچچە يىل ،
ئەتراپتا نە بىر تال قىرىندىشىم يوق .
كەلسە گەر بىشىمغا بوران - چاپقۇنلار ،
تىز پۈكمەي بەزىدە ھىچ ئامالىم يوق .
لىكىن مەن ياشىدىم قەيسەرلىك بىلەن ،
ھاياتتىن ئۈمىدنى ئۈزۈپ باقمىدىم .
يالغۇزلۇق دەردىنى تارتىپ يەتكۈچە ،
تۇپراققا رىشتىمنى مەھكەم باغلىدىم .
8-3-2017
| 67 قېتىم كۆرۈلدى | Ablikim | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-9 5:03:14 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|