يۈرەككە خىتاپ - ـــ تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)

         يۈرەككە خىتاپ


ـــ تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)


ئاھ يۈركىم نىم بولدى ساڭا،
يۈرەتتىڭغۇ توختىماي سايراپ،
نالە قىلما بولما پەرىشان،
دۈشمەنلىرىم كەتمىسۇن يايراپ،

بولدى قىلغىن قايغۇرما بۇنچە،
كەتسە مەيلى توسما يولىنى،
ئېچىۋەتكىن ئىشىكنى داغدام،
تېپىۋالسۇن مەندىن ياخشىنى،

ئوخشاتمايتىم ھېچ بىر كىشىگە،
چىن دىلىمدىن كەلگەنتىم سۆيۈپ،
دەت كەلسىمۇ بەرگەنتىم بەرداش،
ئىشىق ئوتىدا گۈلخاندەك كۆيۈپ،

ئادەم دىگەن ھۆل نەرسە بولغاچ،
ئۆلمەس ئىكەن كۆيەك ئوتىغا،
ئەقىلسىزلىق قىلىپ گاھىدا،
پالتا چاپۇر ھەتتا پۇتىغا،

چۈشەنمىدىڭ سەبىي كۆڭلۈمنى،
چىن سۆيگۈمگە قىلدىڭ خىيانەت،
خاتا كۆرگەن كۆزۈمگە ئۇراي،
يوقالدىمۇ سەندە دىيانەت،

مەن بىلىمەن ئىزدەيسەن ئەتە،
كىچىكىسەن شۇ چاغ ئەلۋەتتە،
ئەتە بەلكىم كەچۈرگىن مەن يوق،
ئاھ ئۇرىسەن تۈگمەس ھەسرەتتە…

ئاقتى بۈگۈن قانلىق ياشلىرىم،
ئەسلەپ سىنى يىغلىدىم زار زار،
ئۇقۇپ قويغىن بۇ ئۆتنە ئالەم،
بولۇپ قالما سەنمۇ مەندەك خار،

ـــ تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
ــــ2016-يىلى9-ئاينىڭ21-كۈنى(ئۈرۈمچى)
     





33 قېتىم كۆرۈلدى تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-21 23:28:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ