ئىشىم يوق
رەھمىتۇللا تۇرسۇن «ئۆركىشى»
ھەۋسىم با بەيگىدىكى دۇلدۇلغا،
ئېغىلدىكى ئىشەكلەردە ئىشىم يۇق.
ھەۋسىم با كۇيچى بۇلبۇلگۇياغا،
قاقىلدىغان قاغىلاردا ئىشىم يۇق.
خىيال ئىچىرە يۈرىمەن گۇزەل باغلاردا،
چۆل-جەزىرە جاڭگاللاردا ئىشىم يۇق.
تەپەككۇرۇم دەستە تىزسا قۇرلاردا،
تېڭى ئاتماس خام-خىيالدا ئىشىم يۇق.
مەن بىر نادان ئىنتىلىمەن داناغا،
ماڭا ئوخشاش نادانلاردا ئىشىم يۇق.
غايە بىرلە گۇزەل ماڭا بۇدۇنيا،
نىشانى يۇق كارۋانلاردا ئىشىم يۇق.
غەۋۋاس بۇلۇپ كىرگىم با سۇ ئاستىغا،
تامچە سۇنىڭ ئەتراپىدا ئىشىم يۇق.
سەيياھ بۇلۇپ كەزسەم دەيمەن كەڭ دالا،
كىچىك-كىچىك ھۇيلىلاردا ئىشىم يۇق.
لاچىن كەبى ئۇچۇپ باقسام ھاۋادا،
غەپلەت باسقان ئۇيقۇلاردا ئىشىم يۇق.
ئۆرلەپ باققۇم با تېخى تىك قىياغا،
قونداقتىكى قۇشقاچلاردا ئىشىم يۇق.
ئۈندىدار:13699976214
33 قېتىم كۆرۈلدى | رەھمىتۇللا تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-19 20:16:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|