ئاتا - ئەكبەر ئەركىن
ئاتا

 - ئەكبەر ئەركىن-

ئاتا،
ئۇلۇغ بىر ئىنسان،
تولىمۇ ئەپۇچان،
ساڭا مېھرىبان،
جۈپتىگە سادىق،
ئۆزى قەدىردان.

ئاتا،
يۈكۈڭنى يۈدۈپ،
يىغاڭنى يىغلاپ،
كۈلكەڭگە كۈلۈپ،
مەڭگۈگە سۆيۈپ،
ھارماس ھېچقاچان.

ئاتا،
ياخشى نەرسە تاپسا،
ئالدىرايدۇ ساڭا بېرىشكە،
تاتلىق كۈلكەڭ كۆرۈشكە،
بىلسەڭ،
سەن ئۇنىڭ بارلىقى،
سەن ئۇنىڭ يارلىقى.

يىللار،
ئەپكەتتى ياشلىقىنى،
كۆپەيتىپ قورىقىنى،
مۈكچەيتىپ بەللىرىنى،
ساق قويمىدى چىشلىرىنى،
يەتكۈزدى قېرىلىقنى،
ئەمما،
خىسلىتى بىزدە نامايان.

ئاتا،
يېتىقتا بۈگۈن،
چىرايى سۇلغۇن،
ئارمىنى نۇرغۇن،
ئويلايدۇ سېنى،
ئاتا – ئانىسىنى،
ئويلار ھەممىنى،
ئاتا ئۇ شۇنداق ئىنسان.

ئاتا،
قاتتىق يۆتەلدى،
دېمى سىقىلىپ،
ئەتراپقا قاراپ،
تاپالماي سېنى،
كۆزىگە ياش ئالدى،
ئاغرىندى سەندىن،
«ۋاقىرىدىڭ»دېدى.
كۆڭلى نازۇكلاشتى.

ئۇ،
يىغلايدۇ بەزىدە،
كىچىك بالىدەك،
كۈلەر قاقاقلاپ،
خۇددى ساراڭدەك،
قىلالمايدۇ ئۆز ئىشىنى،
ئۇنۇتتى نۇرغۇن كىشىنى،
بالام دەپ چاقىرىدۇ خەقنى،
بىلمەيدۇ ئەسلا،
ئۆزى بالىدەك بوپ قالغىنىنى.

ئاتا،
بۇلالمىدى بىر كۈن،
نەپەس قىيىنلاشتى،
يۈرىكى ئاجىزلاشتى،
پەيلىرى تارتىشتى،
بەكمۇ قىينالدى،
خىيالى سەندە،
ئىشىككە قارىدى،
سېنى كېلەرمىكىن دەپ،
ئاخىرقى رەت كۆرەرمەن دەپ،
ئۆز پۇشتۇمنى سۆيەي بىرنى دەپ،
سەندىن سادا يوق،
يىقىلدى بۇ تاغ،
زېمىننى چۇلغاپ قايغۇلۇق ئازاب.




62 قېتىم كۆرۈلدى ئەكبەر ئەركىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-8 22:51:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ