تۇنجى قار لەپىلدەپ ياغقان كۈنى

تۇنجى قار لەپىلدەپ ياغقان كۈنى

 

قىزىل تۇمان

 

تاپالمىدىم قار ئ‍ۈستىدىكى ئ‍ىزىڭنى،

 ئ‍ەسلىدىم بىللە ئ‍ۆتكەن كۈنلەرنى.

 سېغىندىم ئ‍اشۇ گۈزەل ئ‍ۆتمۈشنى،

 تۇنجى قار لەپىلدەپ ياغقان كۈنى.

 

 ماڭاتتۇق قاردا قالدۇرۇپ ئ‍ىزنى،

 چاچقۇ قىلاتتۇق ئ‍اپپاق قارنى.

ئ‍ەسلىدىم بۈگۈن ھىجىراندا سېنى،

تۇنجى قار لەپىلدەپ ياغقان كۈنى.

 

 كەتتىڭ سەن تەنھا تاشلاپ مېنى،

ماڭا بەرگەن شېرىن ۋەدەڭ قېنى؟

 سېغىندىم ئ‍ازاپتا نىگارىم سېنى،

تۇنجى قار لەپىلدەپ ياغقان كۈنى.

 

قايتىپ كېلەر دەپ ساقلىدىم سېنى،

 مەڭگۈلۈك داغدا قويدۇڭ سەن مېنى.

 ئ‍ۇنتالمىدىم،سېغىندىم شۇ كۈندىن بېرى ،

 تۇنجى قار لەپىلدەپ ياغقان كۈنى.





231 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-11 14:49:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-21 10:36:29 alimjan
Bak yahxi yiziliotu
2015-12-21 10:36:28 alimjan
Bak yahxi yiziliotu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ