كۆرمىدىم - يۈسۈپجان ئۆمەر

 كۆرمىدىم  
يۈسۈپجان ئۆمەر

شانۇ-شەۋكەت تەختىمدىن بىشارەتنى كۆرمىدىم،
كۈتتۈم ئۇزاق، بەختىمدىن ئ‍ىشارەتنى كۆرمىدىم·
 
ئ‍ىزىپ يۈردۈم گاھىدا بىلىپ-بىلمەي يولۇمدىن،
 توغرا يولغا قايتىشقا دالالەتنى كۆرمىدىم·

 ئ‍وت ئ‍ىچرە بەرگەنمىش خەلۇللاغا گۈلزارنى،
يار ئ‍وتىدا كۆيۈپمۇ ھارارەتنى كۆرمىدىم·

باھار ئ‍ەگىپ كېتەلمەس قەلب تولسا سۆيگۈگە،
 مۇھەببەتتىن زىيادە تىلاۋەتنى كۆرمىدىم·

ئۆزۈم چۈشۈپ پەگاھقا سۇنغاندا ھەر تۆرىمنى،
مالامەتتىن ئ‍ۆزگە بىر ئ‍ىنايەتنى كۆرمىدىم·

 ھەر ماڭدامدا تېڭىرقاپ ئۆتتى ئ‍ۆمۈر بىھۇدە،
  بۇ دۇنيادا ئ‍ۆزۈمدەك ھاماقەتنى كۆرمىدىم·

  2016.11.4   قەشقەر

     





121 قېتىم كۆرۈلدى xohyigit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-4 23:46:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ