بالىلىقىمنى سېغىندىم ئەجەپ (نەسىر) - ماھېنۇر ئابدۇرھېم

بالىلىقىمنى سېغىندىم ئەجەپ

 (نەسىر) 

 ماھېنۇر ئابدۇرھېم


    كوچىدا  كىتىۋاتىمەن ،كۆز ئالدىمدا بىر توپ  بالىلار شۇنچىلىك بەختىيار  ئويناۋاتىدۇ.
ئۆزۈممۇ تۇيماي  ئۇلارغا يىقىنلاشتىم .مانا  ئۇلار  مېنىڭدىن سەل  يېتىرقىدىمۇ قانداق  ئويناۋاتقان  ئوينىنى قويۇپ  ھەيران بولۇپ  ماڭا  قاراشتى.بىر قانچىسىنىڭ بىشىنى سىلاپ ئەركىلەتكەچ ئىسىملىرىنى سورىدۇم.
-سىزنىڭ  ئىسمىڭىز نىمە؟-مەردان ،-سىزنىڭچۇ ؟-زۇلپىقار، ئارىدىن  بىرى ھەي  بالىلار  يۈرۈڭلار  كىرىپ  كىتىمىز ،-ئاپام  ناتۇنۇشلارغا  گەپ  قىلما،يىقىنلاشما  دىگەن ،ئۇ  بىزنى  ئالداپ  سېتىۋەتسە  قانداق  قىلىمىز؟شۇ ھامان  بالىلار  مېنىڭدىن  خۇددى  ۋابادىن قاچقاندەك كەينىگە  داجىدى،ھەتتا  بەزىللىرىنىڭ  كۆزىدىن  ماڭا قارىغان بايامقى  ھەيرانلىقنىڭ  ئورنىنى چۆچۈش  قورقۇش ئالامەتلىرى  ئىلىپ ئۇلار بىردەمدىللا  كۆزدىن  غايىپ  بولدى.ئۇلارغا  قاراپ  قانچىلىك  تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن ،خىيال كەپتىرىم ئاللىقاياقلارغا  ئۇچۇپ  كەتتى .ئەنە  مېنىڭمۇ  بالىلىق  چاغلىرىم ،بىزنىڭ  مەھەللە  كان  رايۇنىدىكى ئاھالىلار زىچ  ئولتۇراقلاشقان  كۇجۇم مەھەللە ،ھەر ئۆيدىن 4،5 بالىلار ئاساسەن تەڭ  دىمەتلىك بولۇپ  مەكتەپتىن يانساقلا مەھەللە دوقىسىغا  يىغىلىپ  ئوغۇللار باشقا ،قىزلار باشقا بولۇپ  ھەر خىل ئويۇنلارنى باشلايمىز.مانا  ئوغۇللار ۋاللەي ،مەرمە، بۆكمۈچۈك ئويۇنلىرى  بىلەن  پۈتۈن  مەھەللىنى  بىشىغا  كىيگەن، قىزلار  بولسا رېزىنكە تاقلاش،سابۇ، سىزىق تاقلاش،چاكۇم قاتارلىق  ئويۇنلىرىنى  باشلاپ  كۈن كىرىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي  قالاتتۇق .قوساق  ئاچسا  قايسى  ئۆيدە پىشسا  شۇ  ئۆيدىن  يەيتۇق ھەتتا  ئايرىلالمىساق  ئانىللىرىمىزغا  دەپ قويۇپ  ئاداشلىرىمىزنىڭ  ئۆيىدە قونۇپمۇ قاللاتۇق .نە  گۇمانلىنىش، نە  ئىشەنمەسلىك  ئەسلا  مەۋجۇت  ئەمەس ئىدى .ئېسىمدە قىلىشىچە  ئۆيىمىزدە  ئانام ئۆزى  بىلىدىغان قوشنىلارغا  ئاش  سۇنىدىغان  ئايرىم قاچىللىرىمىز  بولىدىغان ،تاماق  پىشقاندا  خوشنىلارنىڭ  قاچىسىغا ئۇسسىماي  بىزگە  تاماق تەگمەيدىغان،خوشنىلار  شۇنچىلىك  ئېناق ئۆتەتتۇقكى ئىشىكلەر  ئوچۇق  قالسىمۇ  نەرسىلەر  يۈتمەيدىغان ، بىر ئۆيدە بولمىسا  يەنە بىر  ئۆيدە  بولسىلا  خوشنىلار ئاچ  قالمايدىغان، خوشنىلار  بىر-بىرىنىڭ  دەردىگە دەرمان  بولىدىغان  ،نان يېقىش  ئۈچۈن يىغىلغان ئانىللىرىمىز بىر-بىرىگە  ياردەملىشىپ  بىر  كۈندە نەچچە  ئائىلىلىك  نان  يېقىشلا ،ئۆلۈم-يېتىم  توي تۆكۈنلەردە  پاي-پېتەك بولۇپ خىزمەت  قىلىشلار،مەلۇم  قوشنا  ئاغرىپ  قالسا  ئۇنىڭ  باللىرىغا  ئانىسى  ساقايغۇچە  قاراشلار، يۈكسەك  بولغان  ئېشىنىش بىلەن  بارنى تەڭ  كۆرۈشلەر، ئۇرۇق  تۇققاندەك  ،بىر ئۆيدە چوڭ  بولغاندەك قېرىنداشلىق  مېھرى-مۇھەبەتلەر، ھەممىسى  خۇددى  كىنو  لىنتىسىدەك  كۆز  ئالدىمدىن  بىرمۇ بىر ئۆتۈپ  ئېختىيارسىز كۆزۈمدىن  ئەشۇ  گۇماندىن  خالى، ئۆزئارا ئىشىنىش ، ئۈستىگە  قۇرۇلغان مېھرىلىك دەقىقىلەرنى  سېغىنىپ  ياشلار  سېرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى.مانا  بىز  بۈگۈن نۇرغۇن ياخشى  تەرەققىياتلارغا ئىرىشتۇق، تۇرمۇش  سۈپتىمىز ھەسسىلەپ   يۇقۇرى  كۆتىرىلدى يو  ئەمما  تولىمۇ  ئېسىل  ئۆرۈپ  ئادەتلىرىمىزدىن ئايرىلىپ  قالدۇق .ئىگىز-ئىگىز  ئىمارەتلەردە  ئولتۇرىمىز شۇنچىلىك   يىقىن  تۇرۇپ  خوشنىلارنى تونىمايمىز، ئاش تاماققۇ  ئەسلا  سۇنۇشمايمىز،باللىرىمىزمۇ  بىر-بىرىنى تونىمايدۇ .ئۆيگە  مەھكۇم قىلىنغان بالىلارغا  قارىسام  ئۇلارغا  ئىچىم ئاغرىيدۇ.ھازىرقى  بالىلار بۇرۇنقىدەك ئويۇن  ئويناشنى بىلمەيدۇ  يا  تىلىۋىزورغا  ياكى  تېلفونغا ۋە ياكى  كومپىيوتورغا  باغلانغان، نە  بالىلارچە  شوخلۇقتىن،،نە،  بالىلارچە  خۇشلۇقتىن ئەسەر يوق  باللىرىمغا قاراپ ئۇلارنىڭ بالىلىقى  بىلەن ئۆزۈمنىڭ  بالىلىقىنى  سىلىشتۇروپ  بالىلىقىمنى  شۇنداق  سېغىندىم  .
ئەمما يىللار  مېنىڭ  بالىلىقىمنى  قايتۇرۇپ  بېرەلمەيدۇ ،ھەر  قېتىم  ئەشۇ تولىمۇ كۆڭۈللۈك  ئۆتكەن  بالىلىقىمنى ئەسلىگىنىمدە ئۆزۈمنى  شۇنچىلىك  بەخىيار  سېزىمەن .ئۇ  يىللاردا قوسىغىمىز  بەك  توق ،كېيىمىمىز بەك  كۆپ    بولماسلىقى  مۇمكىن ،  ئەمما كۆڭلىمىز  توق ھەر  بىر  كۈنىمىز  شۇنچىلىك  خۇشال ئۆتىدىغان .شۇنداق  كۈنلىرىمىز  كۈندىن كۈنگە  ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئىرىشكەنلىرىمىزمۇ  كۆپ  بولدى ،ئەمما  يوقاتقانلىرىمىزمۇ  ئاز ئەمەس.مەن  يەنىلا ئەشۇ  كۆڭۈللۈك  ئۆتكەن  بالىلىق  چاغلىرىمنى سېغىنىمەن  ھەم  ئەسلەيمەن .
     





192 قېتىم كۆرۈلدى aziza ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-13 1:02:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ