بەختىمكەن دادام
قەلەمدە ئوسمانجان مەمەت
ئارمانىم شاتلىغىم بەختىمكەن دادام ،
بىلگىنىمدە جان دادام ياشىنىپ بوپتىكەن .
ئالمىدەك قىپ قىزىل نۇرلۇق يۈزىگە ،
نە زامان قورۇقلار چۈشۈپ بوپتىكەن .
بارىڭدا يۈردۈم مەن ھاۋادا ئۇچۇپ ،
كۈلۈشكە جان دادام مەدەت بوپتىكەن.
ئوينىسام كۈلسەم مەن دادام باغرىدا ،
سۇنماسقا قاناتىم دادام بوپتىكەن .
كۈچەت تىكتىم ئۈندى لىكىن مىۋە يوق ،
ئاھ ،دادا سۈيۈم يوق قۇرۇپ بوپتىكەن .
ھۇقۇشلار ئەۋجىگە ئالدى باغىمنى ،
قوغداشقا دادام يوق ۋەيران بوپتىكەن .
خۇتۇن ئالدىم تويلاشتىم ئانام بەختىدە ،
دادامسىز شۇ بەخىت ئۈلۈپ بوپتىكەن .
كىم دەيدۇ دادىسىز بەخىت تاپقان بار ،
ھىس قىلسام بۇ كۆڭلۈم يىتىم بوپتىكەن .
باغرىغا ئۈزۈمنى ئاتاي دىگەندە ،
جان دادام تۇپراققا كىرىپ بوپتىكەن .
تۇپراقنى كۈرەي دەپ باردىم ۋە لىكىن ،
قەۋرىگە گۈل گىياھ ئۈنۈپ بوپتىكەن .
دادامنى ئەسلىدىم ھەسرەتتە ھەر دەم ،
دادامغا ۋىژدانىم يىراق بوپتىكەن .
مىھرىگە ئىنتىزار بولغاندا دادام ،
جان دادام دۇنيادىن غايىپ بوپتىكەن .
يىتىم مەن دۇنيادا خارۇ زارىمەن ،
دەردىمگە جان دادام دەرمان بوپتىكەن .
يۈلۈنەي دىگەندە مىھرىبان دادام ،
قامىتى قەۋرىگە كىرىپ بوپتىكەن .
مىنىڭدەك خار بارمۇ ئىزلىسەڭ كۆرسەڭ ،
دادىسىز مىڭلارچە بەخىتنى سۆيسەڭ .
يۈرۈگۈڭ لەختە قان يىللارچە كۈلسەڭ،
مىنى ھەم خان قىلغان دادام بوپتىكەن .
ئۈندىدار نۇمۇرى 18709922193
2015.5.8
| 44 قېتىم كۆرۈلدى | sansiz | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-13 0:56:58 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|